Uyghur主要词典
گىببون
دۇنيا تارىخى
(1737 - 1794) ئەنگلىيەلىك تارىخشۇناس. بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1752 - يىلى ئوكسىفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مودلىن ئىنىستىتۇتىغا كىرىپ ئوقۇپ، رىم كاتولىك چېركاۋىغا قاتناشقان. 1753 - 1758 - يىللىرى شۋېتسارىيىدە گالۋىن دىنى پوپىدىن يۇنان ۋە رىمنىڭ مەشھۇر كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى ئۆگەنگەن، فرانسىيە مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچراشقان. 1754 - يىلى قايتىدىن پروتېستانت دىنىغا كىرگەن. ۋولتېر قاتارلىقلار بىلەن تونۇشقان. دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن ئارمىيە ساھەسىدە تۆت يىل خىزمەت قىلغان. 1764 - يىلى رىمغا بېرىپ، قەدىمكى ئاسار - ئەتىقىلەرنى زىيارەت قىلغان. <رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ يوقىلىش تارىخى> دېگەن ئاساسلىق ئەسىرى بولۇپ، ئۇ مەرىپەت دەۋرى تارىخ ئىلمىدا ۋەكىللىك خاراكتىرىگە ئىگە ئەسەر ھېسابلىنىپ، يېقىنقى زامان تارىخىدىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتقان.