Uyghur主要词典
گۇئىسساردىنى
دۇنيا تارىخى
(1473 - 1540) ئىتالىيە ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى تارىخشۇناس. فلورېنسىيىدىكى ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. فېررارا ۋە پادۇيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇغان. 1215 - يىلى فلورېنسىيىنىڭ ئىسپانىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان. 1516 - يىلدىن باشلاپ، ئىلگىرى - كېيىن رىم ۋاتىكانىنىڭ مودېنا، روماگنا ۋە بولۇنىيىدە تۇرۇشلۇق باش ۋالىيسى بولغان. ئۇنىڭ 20 توملۇق <ئىتالىيە تارىخى> دېگەن ئەسىرى بولۇپ، بۇ ئەسەر 1494 - يىلدىكى ئىتالىيە ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىدىن باشلىنىپ، 1534 - يىلىدىكى پاپا پاۋېل Ⅲ تەختكە چىققانغا قەدەر جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ كىتاب شتاتلارنىڭ چېگرىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، شۇ چاغدىكى پۈتۈن ئىتالىيەنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى سۈرەتلەپ چىققاچقا، ئىتالىيەنىڭ ئومۇمىي تارىخىي دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى مۇھىم كلاسسىك ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن ئۇ كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتپەرەسلىك مۇددىئاسىنى تارىخ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى دەپ قارىغان ھەمدە خەلق ئاممىسىغا دۈشمەنلىك پوزىتسىيە تۇتقان.