Uyghur主要词典
گۇئىسدېچىلار
دۇنيا تارىخى
19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20 - ئەسىرنىڭ بېشىدا، فرانسىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى گۇئىسدې رەھبەرلىك قىلغان سىياسىي گۇرۇھ. ئىشچىلار پارتىيىسىنى قۇرۇش مەزگىلىدە شەكىللىنىپ، دەسلەپتە كوللېكتىۋىزمچىلار دەپ ئاتالغان ۋە ماركسزمنى تەشۋىق قىلىش جەھەتتە زور رول ئوينىغان. مۇمكىنچىلەر، ھۆكۈمەتسىزلەر، <ئىچكى كابېنتقا كىرگۈچىلەر> قاتارلىقلارغا قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرغان؛ پرولېتارىياتنىڭ سىياسىي ئازادلىقى ۋە ئىقتىسادىي ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ نۇرغۇن تەدبىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ، بۇرژۇئازىيە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ خەلققە قارشى سىياسىي ۋە مۇستەملىكىلەرنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىش سىياسىتىگە قارشى تۇرغان. ئەمما بۇلانگېر ۋەقەسى، درېيفۇس دېلوسىدا مەزھەپچىلىك تاكتىكىسىنى قوللانغان؛ ئۇششاق خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە باي دېھقانلارنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيىسن قوغدايدىغان يەر پروگراممىسى - <نانتېس پروگراممىسى> نى تۈزگەن. پارلامېنت كۈرىشىگە مەستانە بولۇپ كەتكەن. 1901 - يىلى فرانسۇز سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى قۇرغان. 1905 - يىلى فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بىلەن قوشۇلغاندىن كېيىن ئوتتۇرا ئېقىم مەيدانىدا تۇرغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە <مۇقەددەس ئىتتىپاق> ئىچكى كابېنتىگە قاتنىشپ، بۇرژۇئازىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشقان. ئۇرۇشتىن كېيىن يوقالغان.