Uyghur主要词典
گۇئاياكىل ئۇچرىشىشى
دۇنيا تارىخى
جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئسپانىيە مۇستەملىكىلىرى مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنىڭ ئىككى داھىيىسى بولىۋار بىلەن سان مارتىننىڭ ئېكۋادورنىڭ گۇئاياكىل شەھىرىدىكى كۆرۈشۈشى. 1822 - يىل 7 - ئاينىڭ 26 - 27 - كۈنلىرى بۇ ئىككى رەھبەر مۇستەقىللىك ئۇرۇشى ۋە كەلگۈسىدىكى ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ سىياسىي مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرىلىشىش ئۈچۈن مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. لېكىن پىكىر ئىختىلاپى بولغان. پەرەز قىلىنىشىچە، سان مارتىن بولىۋارنىڭ كۇئاياگىلنى كولومبىيىگە قوشۇۋېلىشتىن ئىبارەت ئەمەلىي پاكىتنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن كولومبىيە ئارمىيسىدىن پېرۇنى ئازاد قىلىشقا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلمىغان. ئۇ جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى كەلگۈسى پېرۇغا باب كەلمەيدۇ دەپ قاراپ، ياۋرۇپانىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق مۇنارخىيىلىك تۈزۈمىنى كۆچۈرۈپ كېلىشنى ھەدەپ تەشەببۇس قىلغان. ئۇچرىشىشتىن كيېىن سان مارتىن جىمجىتلا لىماغا يېنىپ كەلگەن. ئىككى ئايدىن كېيىن ئۇ پېرۇ ھۆكۈمەت باشلىقلىقىدىن ئىستېپا بېرىپ، چىلىغا دەم ئېلىشقا كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ھەربىي جەڭچىلىك ۋەزىپىسىنى تاماملىغانلىقىنى جاكارلىغان. 1824 - يىلى ياۋرۇپاغا كەتكەن. گۇئاياكىل ئۇچرىشىشى لاتىن ئامېرىكىسى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى بىر تالاش - تارتىشلىق تېما ھېسابلىنىدۇ.