Uyghur主要词典
گۇيزوت
دۇنيا تارىخى
(1787 - 1874) فرانسىيىلىك سىياسىي ئەرباب، تارىخشۇناس. نىمېدىكى پروتېستانتلار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. كىچىكىدە ئانىسىغا ئەگىشىپ شۋېتسارىيىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن، كالۋىن دىنى تەربىيىسىنى ئالغان. 1805 - يىلى پارىژغا قايتىپ، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1812 - يىلى پارىژ داشۆسىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخ پروفېسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىنغان. بوربون سۇلالىسى تىرىلدۈرگەندە، 1814 - يىلىدىكى ئاساسىي نىزامنى تۈزۈشكە قاتناشقان، بىر مەھەل ئىچكى ئىشلار مىنسىتىرلىكى ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىكىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنچىلىق مەيدانىدا تۇرغان. 1830 - يىل ئىيۇل ئىنقىلابىي مەزگىلىدە لۇئى فىلىپنىڭ تەختكە چىقىشىنى ھىمايە قىلغان. ئىيۇل سۇلالىسى دەۋرىدە، 1830 - يىلدىكى ئاساسىي نىزامنى تۈزۈشكە قاتناشقان، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى (1830)، خەلق مائارىپى ۋەزىرى (1832 - 1836، 1836 - 1837)، ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى (1840)، تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1840 - 1848)، باش ۋەزىر (1847 - 1848) بولغان. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئەمەلىيەتتە چوڭ ھوقۇقنى ئىگىلەپ، چوڭ بۇرژۇئازىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچىنىڭ بارىچە قوغدىغان. 1848 - يىلدىكى فېۋرال ئىنقىلابىدا تەختتىن چۈشكەن. ئەنگلىيەدە بىر يىل پاناھلانغاندىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتقان، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا كۈچىنى تارىخ يېزىشقا قاراتقان. ئۇ فرانسىيەنىڭ تىرلىش دەۋرىدىكى سىنىپىي كۈرەش تارىخشۇناسلىرى ۋەكىللىرىنىڭ بىرى. 8331 - يىلى فرانسىيە تارىخ ئىلمىي جەمئىيىتىنى بەرپا قىلغان ھەمدە فرانسىيە تارىخىغا ئائىت نۇرغۇنلىغان ھۆججەت - ماتېرىياللارنى رەتلەپ نەشىر قىلىشقا رەھبەرلىك قىلغان. 1836 - يىلى فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى: <چارلېس Ⅰ دىن چارلېس Ⅱ گىچە بولغان ئەنگلىيە ئىنقىلابىي تارىخى>، <ياۋرۇپا مەدەنىيەت تارىخى>، <فرانسىيە مەدەنىيەت تارىخى>، <فرانسىيە پارلامېنت تارىخى> قاتارلىقلار.