Uyghur主要词典
گۇيلىندىكى داڭلىق لىجياڭ دەرياسى مەنزىرىلىك رايونى
领域: جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلارگۇيلىندىكى داڭلىق لىجياڭ دەرياسى مەنزىرىلىك رايونى − گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ شەرقىي شىمالىدا بولۇپ، تىپىك كارست چوققىلىق - ئورمانلىق يەر تۈزۈلۈشىگە ئىگە بولغان، تاغ - سۇلىرى گۈزەل، مەشھۇر تاغ - سۇ مەنزىرىلىك رايوندۇر. »دەرياسى كۆك بەلۋاغقا، تاغلىرى يېشىل قاشتېشىغا ئوخشايدۇ.« تاغ تاشلىرى چوقچىيىپ چىققان، تەنھا چوققىلار كۆككە تۇتاشقان ۋە ياكى چوققا - ئورمانلار تۇتىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئورمانلىرىنىڭ چېكى يوق. لىجياڭ دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارماق ئېقىنلىرى تاغ - تاش ۋە ئورمانلىقلار ئارىسىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان، تاغ ۋە سۇلار بىلەن ئورالغان چەكسىز گۈزەل جاي ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا »گۇيلىننىڭ تاغ - دەريالىرى جاھاندا تەڭداشسىز« دەپ تەرىپلىنىدۇ. گۇيلىندا غارسىز تاغ يوق، لۇدىيەن، چىشىڭيەن قاتارلىق غارلار ئەڭ داڭلىق. مەنزىرىلىك رايون ئىچىدە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بەك كۆپ، تاش ئويمىلاردىنلا2000 نەچچىسى بار، بۇلار ھەرقايسى مەنزىرە نۇقتىلىرىغا تارقالغان، يەنە چىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تىلىڭ ئۆستىڭى، چىن، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى گۇيەنگۇەن خارابىسى، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى جىڭجياڭۋاڭ شەھىرى قاتارلىقلار بار.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。