Uyghur主要词典
گۇۋاھچىنىڭ ئىناۋىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مەھكىمە شەرئىنىڭ گۇۋاھلىق بەرگۈچىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا بەلگىلەنگەن ئەخلاق ئۆلچىمى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئاساسلىقى گۇۋاھلىق بەرگۈچىنىڭ سەمىمىيلىكى، ئادىللىقى، شەرىئەتكە ئەمەل قىلىدىغانلىقىغا، تەقۋادار مۆمىننىڭ ئاللانىڭ مەھكىمىسىدە چوقۇم راست گەپ قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش يەنى جاھىل جىنايەتچىنىڭمۇ سەلتەنەتلىك مەھكىمە شەرئى ئالدىدا يالغان قەسەم قىلىپ، يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مەھكىمە شەرئىدە ئىناۋەتلىك گۇۋاھچىلارنىڭ ئىسىملىكى بولۇپ، خالىغان چاغدا كۆرۈپ چىقىشقا بولىدۇ. ئىناۋەتلىك گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق ئىسپاتىنى مەھكىمە شەرئى سوراق ۋە ھۆكۈمنىڭ مۇھىم ئاساسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدۇ. دەۋالاشقۇچىلار گۇۋاھلىق بەرگۈچىنىڭ پەزىلىتىدىن گۇمانلانسا، مەھكىمە شەرئى سوراقنى توختىتىپ، زۆرۈر تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارىدۇ.