Uyghur主要词典
گرېگورى
دۇنيا تارىخى
رىم پاپاسى (1073 - 1085). ئىتالىيان. ئەسلى ئىسمى ھىلدېبراند. ياشلىق دەۋرىدە فرانسىيە ۋە گېرمانىيىدە ئوقۇغان. رىمغا قايتقاندىن كېيىن، مۇناستىرغا كىرگەن. پاپا لېئو Ⅸ تەختتىكى مەزگىلدە (1049 - 1054) داڭلىق پوپ بولۇپ، كلۇنى ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. پاپا نىكولاس Ⅱ تەختتىكى مەزگىلدە (1058 - 1061) ۋاتىكان سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى تۈزگۈچىسى بولۇپ قالغان. 1059 - يىلى لاتېران دىنىي يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، پاپانىڭ پەقەت كاردېنال كەلتۈرۈلىدىغانلىقى، دەھرىي فېئوداللار ۋە مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورىنىڭ ئۇنىڭغا ئارىلاشماسلىقىنى، شۇنداقلا روھانىي خىزمەت ئۈسىتىدە سودىلىشىش ۋە پوپلارنىڭ توي قىلىشى مەنئىي قىلىنىدىغانلىقىنى بەلگىلەنگەن. پاپا بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، 1075 - يىلى دىنىي پەرمان ئېلان قىلىپ، پاپانىڭ دەھرىي ھۆكۈمرانلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى، كورۇل ياكى ئىمپېراتورنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش - تۇرغۇزۇشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. ئېپىسكوپ تەيىنلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى ھېنرى Ⅳ بىلەن تىركىشىپ قالغان. 1076 - يىلى ھېنرىنى دىن تەۋەلىكىدىن چىقىرىپ، ۋاقىتلىق تىز پۈكۈشكە مەجبور قىلغان (<كانوسسا>غا قاراڭ). 1084 - يىلى، ھېنرى Ⅳ ئەسكەر چىقىرىپ رىمنى ئىشغال قىلىپ، باشقا بىر يېڭى پاپانى تىكلىگەن، گرېگورى جەنۇبقا قېچىپ بېرىپ، ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىنى ئىگىلەپ تۇرغان نورمانلاردىن مەدەت تىلىگەن. كېيىن، نورمانلار رىمغا بېسىپ كىرىپ، بولۇشىچە بۇلاڭ - تالاڭ قىلىپ، رىم ئاھالىسىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان، گرېگورى ئۇزاق تۇرالماي، يەنە نورمانلار بىلەن بىللە جەنۇبقا كېتىپ، ياقا يۇرت سالېرنو شەھىرىدە ئۆلگەن.