Uyghur主要词典
گلادكوۋ
دۇنيا تارىخى
(1883 - 1958) سوۋېت ئىتتىپاقىلىق يازغۇچى. گىمنازىيىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن چار پادىشاھى ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان. 1900 - يىلى مەتبۇئاتتا ماقالە ئېلان قىلشقا باشلىغان. 1920 - يىلى روسىيە كوممۇنىستىك (بولىشېۋىكلار) پارتىيسىگە كىرگەن. ئۇنىڭ <سېمونت>، <ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ> قاتارلىق رومانلىرى، <قەسەم> ناملىق پوۋېستى، ئۆز تەرجىمىھالى ترىلوگىيىسى <بالىلىق ھېكايىلىرى>، <جاپالىق يىللار> قاتارلىقلار بار