Uyghur主要词典
گرادۇس
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<مات> بۇلۇڭ ياكى ياي ھېسابلاش بىرلىكى. چەمبەرنى تەڭ 360 بۆلەككە بۆلگەندە ھاسىل بولغان ياي بىر گىرادۇسلۇق ياي، بىر گىرادۇسلۇق ياي قارشىسىدىكى مەركىزى بۇلۇڭ بىر گىرادۇسلۇق بۇلۇڭ دېيىلىدۇ. بىر گىرادۇس 60 مىنۇتقا تەڭ.
<جۇغ> پاراللېل ياكى مېرىدىئاننىڭ 360 تىن بىر قىسمى. پاراللېل ياكى مېرىدىئان بويلاپ ھېسابلىنىدۇ.
<مېتېئور>
تېمپېراتۇرا ئۆلچەم بىرلىكى؛ دەرىجە.
35 گىرادۇس ئىسسىق.
<خىم> سۇيۇقلۇقنىڭ زىچلىقىنى، شۇنىڭدەك ئىسپىرت كۈچىنى ئۆلچەش بىرلىكى.
بۇ ھاراقنىڭ گرادۇسى بەك يۇقىرى.