Uyghur主要词典
گايدار
دۇنيا تارىخى
(1904 - 1941) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىلىق بالىلار يازغۇچىسى. ئەسلى ئىسمى ئاركادىي پېروۋىچ گولىكوۋ بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 14 يېشىدا قىزىل ئارمىيىگە قاتناشقان. 17 يېشىدا پولك كوماندىرى بولغان. كۆپ قېتىم يارىلانغان، 1924 - يىلى ئارمىيىدىن بوشىغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، <چولپان گېزىتى>، <شىمال ھەقىقەت گېزىتى> دە خىزمەت قىلغان ھەمدە ئىجادىيەتنى باشلىغان. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە <كومسومول ھەقىقىتى گېزىتى> نىڭ فرونت مۇخبىرى بولۇپ، كيېۋ رايونىدا پارتىزانلىق كۈرىشىگە قاتناشقان ۋە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرى <ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى> ھېكايىسى، <مەكتەپ>، <ھەربىي مەخپىيەتلىك>، <چوك بىەن گىك>، <تېمۇر ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى> قاتارلىق پوۋېستلاردىن ئىبارەت. ئەسەرلىرىنىڭ تۆلىسى تىياتىر ۋە كىنو قىلىپ ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن.