Uyghur主要词典
گراسا ئارانخا
دۇنيا تارىخى
(1868 - 1931) برازىلىيە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەشەببۇسچىسى، يازغۇچى. ئۇزاق ۋاقىت چەت ئەللەردە دىپلوماتىيە ئەمەلدارى بولغان. 1922 - يىلى سان پاۋلۇدا نۇتۇق سۆزلەپ، برازىلىيە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ھەرىكىتىنى قوزغىغان، رادىكال مىللەتپەرۋەرلىكنى ۋە ياۋرۇپاغا چوقۇنۇش خاھىشىغا قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. برازىلىيە ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. كېيىن پىكىردە كېلىشەلمىگەنلىكتىن، 1924 - يىلى ئىنىستىتۇتتىم چىقىپ كەتكەن. ۋەكىللىك خاراكتىرىگە ئىگە ئەسىرى <گانەن>، <مەسىلە ھېكايىسى> بولۇپ، ئۇنىڭدا برازىلىيىگە ئەمدىلا بارغان گېرمانىيىلىك ئىككى ياش ئارقىلىق برازىلىيە جەمئىيىتىدىكى مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغان، ئۇنىڭ تەسىرى بىرقەدەر چوڭ.