Uyghur主要词典
گوتو شوجىرو
دۇنيا تارىخى
(1838 - 1897) ياپونيىلىك سىياسىي ئەرباب، مېيجى ھۆكۈمىتى ۋەزىرى، ئەسلى ئىسمى موتو ئاكى. توسا ۋاسساللىقىدىكى سامۇراي ئائىلسىدا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ۋاسسال يامانو ئۇچى تويوشىگې تەرىپىدىن ئېتىبار بىلەن ئىشلىتىلىپ، دۆلەتنى باي، ئارمىيىنى كۈچلۈك قىلىش سياسىتىنى يولغا قويغان. 1866 - يىلى قورال - ياراق سېتىۋېلىش ئۈچۈن ناگاساكىغا ھەمدە جۇڭگونىڭ شاڭخەي شەھىرىگە كەلگەن. كېيىن ساكاموتورىيومانىڭ تەسىرى بىلەن، ھاكىمىيەتنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مېيجى يېڭىلىققا كۆچۈش مەزگىلىدە باش مەسلىھەتچى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى، سول تەرەپ ئىشلىرى باش ھۆكۈمدارى بولغان.1873 - يىلى <چاۋشيەنگە يۈرۈش قىلىش مەسلىكى> نى تەرغىپ قىلغانلىقتىن، ئىتاگاكى تايسۇكې قاتارلىقلار بىلەن بىللە، خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەن. 1874 - يىلى ۋەتەنپەرۋەر ھەققانىيىچىلەر پارتىيىسىنى تەشكىللەشكە قاتنىشىپ، خەلق سايلىمى پارلامېنتى تەسىس قىلىشنى تەكلىپ قىلغان. 1881 - يىلى لىبېرالىستلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1882 - يىلى ھۆكۈمەتنىڭ ماددى ياردىمىنى قوبۇل قىلىپ، ئىتاگاكى تايسۇكېنى ئۆزى بىلەن بىللە چەت ئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلشقا كۆندۈرگەن. ئىككىنچى يىلى قايتىپ كەلگەن. 1887 - يىلى ھۆكۈمەتكە قارشى گۇرۇھلارنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى تەشەببۇس قىلىپ، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق ھەرىكىتىنى قوزغىغان. 1889 - يىلى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن مۇرەسسەگە كېلىپ، پوچتا - ۋەزىرى، يېزا ئىگىلىك سودا ئىشلىرى بولغان. جۇڭگو - ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى مەزگىلىدە، چاۋشيەن ۋە جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونىغا بولغان ھەربىي كونتروللۇقىنى كۈچەيتىشنى تەكلىپ قىلىپ، جاھانگىر ئۇنسۇرغا ئايلىنىپ كەتكەن.