Uyghur主要词典
گوتتۋالد
دۇنيا تارىخى
(1896 - 1953) چېخوسلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى (1948 - 1953)، چېخوسلوۋاكىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى (1945 - 1953). ياغاچچى ئائىلىسىدىن چىققان. 1912 - يىلى ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1921 - يىلى كوممۇنىستىك پارتىيە قۇرۇلغاندا پارتىيىگە كىرگەن، 1925 - يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان، 1929 - 1945 - يىللىرى باش شۇجى بولغان. كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى (8192 ـ 1943)، سېكرىتارى (1935 - 1943) بولغان. 1939 - 1945 - يىللىرى گېرمانىيە قوشۇنى چېخوسلوۋاكىيەنى ئىشغال قىلىپ تۇرغاندا، خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ فاشىستلارغا قارىش كۈرەش ئېلىپ بارغان. ئازادلىقتىن كېيىن زۇڭلى بولغان (1946 - 1948). 1948 - يىلى فېۋرال ۋەقەسى جەريانىدا پارتىيە ۋە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ بۇرژۇئازىيەنىڭ سۈيقەستىنى تارمار قىلغان، شۇ يىلى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئۇنىڭ قانىشىشى بىلەن تۈزۈلگەن يېڭى ئاساسىي قانۇن (<9 - ماي> ئاساسىي قانۇنى) ماقۇللانغان. 6 - ئايدا زۇڭتۇڭ بولغان، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان.