Uyghur主要词典
گوسپېل
دۇنيا تارىخى
تۆت گوسپېل دەپمۇ ئاتىلىدۇ. خرىستىئانلارنىڭ كالامى <ئىنجىل> نىڭ بېشىدىكى تۆت پارىسى يەنى <ماتاي گوسپېلى>، <ماركوس گوسپېلى>، <لۇكاس گوسپېلى> ۋە <يوھان گوسپېلى> دىن ئىبارەت. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇلارنى خرىستىئان دىنىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ساھابىلىرى ماتاي، ماركوس، لوكاس ۋە يوھانلار ئايرىم - ئايرىم يازغانمىش. <بەخت خەۋىرى> ئەسلى گرېكچە euaggelion دىن كەلگەن بولۇپ، مەنىسى <خوش خەۋەر> دېگەنلىك. ئۇ ئازاب - ئوقۇبەت چېكىۋاتقان ئىنسانلارغا <قۇتقۇزغۇچى خۇدا> - ئەيسانىڭ ئۇلارنى قۇتقۇزىۋېلىشقا كېلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت خوش خەۋەرنى يەتكۈزۈشى كۆزدە تۇتۇلغان. مەزمونى ئاساسەن خرىستىئان دىنى رىۋايەتتىكى ياراتقۇچى ئەيسا - خرىستوسىنىڭ ھاياتىدىكى ئىش پائالىيەتلرى (تەرجىمىھالى)، جۈملىدىن ئۇنىڭ تۇغۇلۇشى، دىن تارقىتىشى، ئىنسانلارنىڭ ئورنىدا رىيازەت چېكىپ ئۆلتۈرۈلۈشى، ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشى ۋە يەنە ئۇ ئالدىغا سەپەر قىلىشى قاتارلىق ئەپسانىۋى چۆچەكلەر ۋە ئۇنىڭ كىشىلەرگە چىداشلىق بېرىش - بويسۇنۇش ھەققىدىكى تەلىماتلىرىدىن ئىبارەت. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە بەخت خەۋىرنىڭ كۆپىنچىسى باشقىلارنىڭ ساختا ئەسەرلىرى بولۇپ، كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىپ تۈزىتىلگەن. مىلادى Ⅱ ئەسىردىن باشلاپ، كەينى - كەينىدىن بېكىتىلگەن. تۆت گوسپېلنىڭ ئالدىنقى ئۈچىنچى مەزمونى ئاساسسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولغاچقا <ئوخشاش قاراشتىكى گوسپېل> (ئورتاق قاراشتىكى بەخت خەۋىرى ياكى تەكرارلانغان بەخت خەۋىرى) دەپ ئاتىلىپ، قۇرۇلمىسى ۋە مەزمونى ئوخشاش بولمىغان <يوھان گوسپېلى> دىن پەرقلەندۈرۈلگەن