Uyghur主要词典
گورودسوۋ
دۇنيا تارىخى
(1860 - 1945) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىلىق ئارخېئولوگ. 1888 - يىلىدىن باشلاپ يېڭى تاش قوراللار دەۋرنىڭ خارابىلىرىنى تەكشۈرگەن. 1903 - 1929 - يىللىرى دۆلەتلىك تارىخ مۇزېيىدا خىزمەت قىلغان. 1928 - 1933 - يىللىرى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىدىكى تىمونوۋكا يېزىسىدا قېزىپ تەكشۈرۈپ، قەدىمكى تاش قورال دەۋردىكى ئىنسانلارنىڭ گەمە شەكلىدىكى ئۆيلىرىنى تۇنجى بولۇپ تاپقان. تەتقىق قىلىش دائىرىسى كەڭرەك بولۇپ، روسىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىن تېپىلغان برونزا قورال دەۋرى مەدەنىيىتىگە قارىتىلغان يىلنامىلاشتۇرۇش خىزمىتى ئىشلەپ، شەرقىي ياۋرۇپانىڭ برونزا دەۋرى ئارخرئولوگىك تەتقىقاتىغا تۆھپە قوشقان. يەنە ئارخېئولوگىيە مېتودىكىسى. مۇزېيشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. سوۋېت ئىتتپاقى خىزمەت كۆرسەتكەن ئالىمى، دېگەن نامغا ئېرىشكەن ھەمدە لېنىنى ئوردېنى ئالغان. <ئىپتىدائىي دەۋر ئارخېئولوگىيىسى>، < ئوتتۇرا قىسىم روسىيەنىڭ برونزا قورال دەۋرىدىكى مەدەنىيىتى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.