Uyghur主要词典
گورمون
بىئولوگىيە
بەدەندىكى ھەر خىل ئىچكى ئاجرىتىش بەزلىرى (<ئىچكى ئاجرىتىش> قا قارالسۇن) ۋە بەزى تارقاق ئىچكى ئاجرىتىش ھۈجەيرىلىرى ئاجراتقان بىئولوگىيىلىك ئاكتىپچانلىققا ئىگە ماددىلار گورمونلار دەپ ئاتىلىدۇ. گورمونلار خىمىيىلىك خۇسۇسىيىتىگە قاراپ ئاساسلىق ئىككى چوڭ خىلغا بۆلۈنىدۇ. بىر خىلى ئازوتلۇق گورمونلار بولۇپ، ئامىنو كىسلاتانىڭ تۇغۇندىلىرى (مەسىلەن، ئادرېنالىن، تىروكسىن قاتارلىقلار)، پولى پېپتىد ۋە ئاقسىل تىپىدىكى گورمونلار (مەسىلەن، گىپوفىز گورمونلىرى، ئىنسۇلىن، گىلۇكاگون قاتارلىقلار) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنە بىر خىلى ستېروئىد خىلىدىكى گورمونلار مەسىلەن، جىنسىي گورمونلار، كورتىكوتروپىنلار، ھاشاراتلارنىڭ تېرە تاشلاش گورمونى قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ماي كىسلاتالىرى، تۇغۇندىلار ۋە پروستاگلاندىن قاتارلىقلار بولىدۇ. گورمونلار ئىچكى بېزىدىن قان سۇيۇقلۇقىغا بىۋاسىتە كىرىپ ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ئورۇنغا بارغاندىن كېيىن بەلگىلىك ئورگان ياكى توقۇلمىلاردا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. ئۇلار ماددا ياكى ئېنېرگىيىنىڭ ئۆزگىرىشىگە بىۋاسىتە قاتناشماستىن بەلكى ئورگانلارنىڭ ئەسلىدىكى فىزىئولوگىيىلىك جەريانىنى قوزغىتىش ياكى تورمۇزلاش، تېزلىتىش ياكى ئاستىلىتىش ئارقىلىق ئورگانىزمنىڭ مېتابولىزم، ئۆسۈش، يېتىلىش، كۆپىيىش ياكى ھەرىكەتلىنىش قاتارلىقلىرىنى تەڭشەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛گرېكچە
بىئولوگىيە
ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئاجراتما بەزلىرى بىۋاستە قان تەركىبىگە چىقىرىدىغان، ئورگانىزم ئۈچۈن ئالاھىدە ئۈنۈمى بار ماددىلار. ھەزىم قىلىش يوللىرىدىكى ئەزالار ۋە بالا ھەمراھى قاتارلىق ئەزالارمۇ گورمون ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. گورمونلارنىڭ خىزمىتى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ كونترول قىلىشى ۋە ئۆزئارا تەسىر قىلىشى ئاستىدا، ئورگانىزملارنىڭ ھەر خىل فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارى ۋە ماددا ئالمىشىشلىرىنى تەمىنلەپ تۇرىدۇ.