Uyghur主要词典
گوڭشەن مەدەنىيىتى
دۇنيا تارىخى
چاۋشيەننىڭ يېڭى تاش قورال دۋرىدىكى بىر خىل مەدەنىيىتى. دەسلەپتە پىڭئەننەن ئۆلكىسى ۋىنچۈەن ۋىلايىتىدىكى پونشالى دېگەن جايىدىن دېڭىز ياقىسىغا ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان شياۋگۇڭشەندە تېپىلغان. شۇڭا گوڭشەن مەدەنىيىتى دېيىلگەن. 1950 - يىلى ئۇنى قېزىشقا كىرىشكەن، بەزى تۇرار جاي خارابىلىرى تېپىلغان. ئۆيلەر يېرىم گەمە شەكلىدە سېلىنغان، ئۇل كۆپىنچە يۇمىلاق ۋە چاسا شەكلىدە بولغان. ئاھالىلەر كۆپ خىل ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ئوۋ قىلىش، بېلىق تۇتۇش بىلەن بىللە ئىپتىدائىي دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانغان، فارفۇر قاچىلار ۋە يىپ ئېگىرىشكە ئوخشاش ئىپتىدائىي قول سانائەت ئىشلەپچىقىرىشنى ئېلىپ بارغان. ئاساسەن تاش قوراللار ۋە ھايۋانلارنىڭ سۆڭەك، مۈڭگۈزلىرىدىن ياسالغان سايمانلارنى ئىشلەتكەن. تاش نەيزىنىڭ شەكلى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ياپىلاق، تەكشى، ئۆتكۈر بولغان. سېپىنىڭ ئىككى يان تەرىپىدە تېيىزرەك ئوقۇر بولۇپ، دەستىسى ئاسان چۈشۈپ كەتمەيدىغان بولغان.