Uyghur主要词典
گوگۇل
دۇنيا ئەدەبىياتى
23 ياشلىق گوگۇل (1809 −1852 - يىللار) پۇشكىننىڭ ياردىمى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن رومانتىك رومانى «دىكانكاغا يېقىن يېزىدىكى كېچىلىك سۆھبەت»نى نەشر قىلدۇرۇش بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە كىرىپ كەلگەن، شۇنىڭدىن تارتىپ نامى چىققان. ئۈچ يىلدىن كېيىن، ئۇ يەنە كەينى - كەينىدىن «مېرگورۇد» ۋە «قىسقا ئەسەرلەر» ناملىق ھېكايىلەر توپلاملىرىنى ئېلان قىلىپ، ئادەتتىن تاشقىرى ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ، ئەينى چاغدىكى روسىيە ئەدەبىيات مۇنبىرىنىڭ تەشەببۇسكارى دەپ ئاتالغان.
گوگۇل كىچىك چېغىدىنلا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا ئامراق ئىدى.1821 - يىلى ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن، مەكتەپتىكى ۋاقتىدا دەرستىن سىرت دراما قويۇشقا قاتناشقان. مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن پېتربورگقا بېرىپ ھۆكۈمەت ئورگىنىدا خىزمەت قىلغان، كېيىن مائاشى تۆۋەن بولغانلىقتىن ئىستېپا بېرىپ، مەخسۇس ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان.
گوگۇلنىڭ تۇنجى ھېكايىسى «دىكانكاغا يېقىن يېزىدىكى كېچىلىك سۆھبەت» ئىككى قىسىملىق بولۇپ، سەككىز ھېكايە بىلەن ئىككى پارچە كىرىش سۆزدىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭدا دىكانكا ئەتراپىدىكى ھەسەل ھەرىسى باققۇچى بوۋاي كەچقۇرۇن يېزىدىكى يۇرتداشلىرى بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ ھېكايە ئېيتىشقان شەكىل ئارقىلىق ھەربىر ھېكايىنى بىر - بىرىگە باغلىغان. كىتابتا ماكلاننىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرى تەسۋىرلىنىپ ھەم رېئال تۇرمۇش ئىپادىلىنىدۇ، ھەم تارىخ مەدھىيىلىنىدۇ، ئوكرائىنا خەلقىنىڭ چەتنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرغان قەھرىمانلىق روھى بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ، زۇلمەت كۈچلىرىنىڭ ئادەتتىكى ئەمگەكچىلەرنى ئەزگەنلىكى ئەيىبلىنىدۇ.1835 - يىلى «مىلگىراد» بىلەن «قىسقا ئەسەرلەر» ئېلان قىلىنىپ، يازغۇچىنىڭ رېئالىزملىق ئىجادىيەت يولىدا يەنە بىر خۇشاللىنارلىق قەدەم باسقانلىقىنى كۆرسەتتى، بۇ ئىككى ھېكايىلەر توپلىمى جەمئىيەتتىكى رەزىل ھادىسىلەرنى ئېچىپ تاشلىغانلىقى، مەسخىرە قىلغانلىقى ۋە ئورنى پەس «كىچىك شەخس»لەرنىڭ ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتلىرىنى تەسۋىرلىگەنلىكى بىلەن دۇنياغا تونۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى «پەلتۇ»، «بۇرۇن» ۋە «سەۋدايى خاتىرىسى» قاتارلىقلار ھازىرغىچە دۇنياغا مەشھۇر ھېكايىلەر بولۇپ كەلمەكتە.
گوگۇلنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى ئاساسلىقى ھەجۋىي كومېدىيە «رېۋىزور» بىلەن «ئۆلۈك جانلار» رومانى ھېسابلىنىدۇ.
«رېۋىزور»دا بىر چەت شەھەرنىڭ شەھەر باشلىقى باشچىلىقىدىكى بىر توپ ئەمەلدارلىرى تەكشۈرۈشكە رېۋىزور كېلىدىكەن دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ ئالاقزادە بولۇپ كەتكەنلىكى، بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر ئاقسۆڭەك يىگىت خېرىسكوفنى «رېۋىزور» ئوخشايدۇ دەپ قېلىپ، ئۇنىڭغا قالتىس خۇشامەت قىلىپ، ھە دەپ پارا بېرىپ، ئۆزلىرىگە تارتقانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خىلمۇخىل كۈلكىلىك ئىشلار يۈز بېرىدۇ. شەھەر باشلىقى پايتەختكە بېرىپ چوڭ ئەمەل تۇتىدىغان بولدۇم دەپ ئويلاپ، قىزىنى «رېۋىزور»غا بەرمەكچى بولۇۋاتقىنىدا، ھەقىقىي رېۋىزورنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقىلىدۇ. ئەسەردە چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىدىكى تۈرلۈك - تۈمەن بيۇروكراتلارنىڭ رەزىللىكى ۋە چىرىكلىكى پاش قىلىنىپ، روسىيىنىڭ بيۇروكراتلار قاتلىمىنىڭ قانۇننى بۇزۇپ، پارا ئالغانلىقى، مەنسەپ ئۈچۈن خۇشامەتچىلىك قىلىدىغانلىقى، شەرمەندە، چاكىنىلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. شۇڭلاشقا، ئۇ روسىيە رېئالىستىك دراما تارىخىدا بىر ئابىدە بولۇپ قالدى.
«ئۆلۈك جانلار» گوگۇلنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىنىڭ بەلگىسى. كىتابتا6 - دەرىجىلىك مۈلكى ئەمەلدار چېچىكوف پۇرسەتپەرەسلىك قىلىش نىيىتىگە كېلىپ، ئۆلۈپ كەتكەن، لېكىن تېخى نوپۇستىن ئۆچۈرۈلمىگەن يانچىلارنى پومېشچىكلاردىن «سېتىۋېلىپ»، ئاندىن سېتىۋالغان باھاسىدىن نەچچە يۈز ھەسسە يۇقىرى باھادا قۇتقۇزۇش ئىدارىسىگە گۆرۈگە قويىدۇ. قولدىن ئۆتكۈزۈش ئارىلىقىدا ئۇنىڭ مۈلكى نەچچە يۈز مىڭ روبلىغا يېتىدۇ. بۇ روسىيىدە يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ يانچىلارنى پومېشچىكلارنىڭ خۇسۇسىي مۈلكى دەپ قارىغانلىقى ھەم قانۇنىي جەھەتتىن قوغدىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. چېچىكوف روسىيىدىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۇرژۇئازىيىنىڭ تىپى. روماندا بۇ بەدىئىي تىپنى يارىتىش ئارقىلىق، روسىيىنىڭ يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ ئەكسىيەتچىلىكى، چىرىكلىكى، شۇنىڭدەك، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۇرژۇئازىيىنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مەنسىپىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنىدىغان، مەنپەئەت قوغلىشىدىغان ماھىيىتى پاش قىلىنغان. روماندا يەنە مانىلوف، روشىتلېﻒ، سوباكىۋىچ، كروپانىچكا، بوليوشكىندىن ئىبارەت بەش پومېشچىكنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان. ئۇلار يا ھەددىدىن ئاشقان ھۇرۇن ياكى ھەممىلا يەردە چاتاق تېرىپلا يۈرىدۇ، ياكى ئاچ كۆز، كالۋا، ياكى ھېچنېمىدىن خەۋەرسىز، ياكى چوڭ قورۇقى بار، مىڭلاپ يانچىسى بار بولسىمۇ، ئەمما قەلەندەرگە ئوخشاش بىر پارچە پۇرۇچ، بىر پارچە كېرەكسىز تۆمۈرنىمۇ تېرىپ كېلىۋالىدۇ. ئاپتور بۇ پومېشچىكلارنىڭ ئوبرازىنى سۈرەتلەش ئارقىلىق، پومېشچىكلار سىنىپىنىڭ رەزىل، چىرىك ماھىيىتىنى ۋە يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ مۇقەررەر ھالاكەتكە يۈزلەنگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق روسىيىلىكلەرنى تېخىمۇ ئويغىنىشقا دەۋەت قىلغان. رومان نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، ناھايىتى زور ئىنكاس قوزغاپ، پۈتكۈل روسىيىنى زىلزىلىگە سالغان.
ئۆگىنىش
گوگۇل روسىيىنىڭ19 - ئەسىردىكى داڭلىق رېئالىزملىق يازغۇچىسى، ئۇنىڭ «ئۆلۈك جانلار»، «رېۋىزور» قاتارلىق نادىر ئەسەرلىرى روسىيە ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ يېزىقچىلىققا ئىنتايىن كەسكىن مۇئامىلە قىلاتتى، ئەسەرلىرىدىكى ھەربىر خەت، ھەربىر سۆز، جۈملە ۋە بابنى تاكى ئۆزى تولۇق رازى بولغانغا قەدەر قايتا - قايتا مۇھاكىمە قىلاتتى.
بىر قېتىم ئۇ بىر پارچە سەھنە ئەسىرى يېزىپ، داڭلىق شائىر ژۇكوۋسكىينىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا سۇنىدۇ. چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن گوگۇل ئەسىرىنى ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرىدۇ. لېكىن، ياشىنىپ قالغان ژۇكوۋسكىينىڭ چۈشتە ئۇخلايدىغان ئادىتى بولغاچقا، ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قالىدۇ. گوگۇل بۇنى كۆرۈپ دەرھال ئوقۇشنى توختىتىپ، ئۇنىڭغا: «مەن سىزنىڭ ئەسىرىمگە بولغان باھايىڭىزنى ئاڭلاپ بېقىش ئۈچۈن كەلگەنىدىم، سىزنىڭ ئەسىرىمنى ئاڭلاۋېتىپ ئۇخلاپ قالغىنىڭىز ئەڭ ياخشى جاۋاب بولدى» دەپلا ئەسەرنىڭ ئورىگىنالىنى مەشكە سېلىپ كۆيدۈرۈۋېتىدۇ.
گوگۇلنىڭ «ئۆلۈك جانلار» ناملىق رومانىنىڭ بىرىنچى تومى نەشر قىلىنغاندىن كېيىن پۈتكۈل روسىيىنى كۈچلۈك لەرزىگە سالىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، كىشىلەر بۇ روماننىڭ ئىككىنچى تومىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈشكە باشلايدۇ. لېكىن، ئىككىنچى تومنى يېزىش ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ، چۈنكى گوگۇل رومانىنىڭ ئىككىنچى تومىدا ئىلگىرىكى مەقسىتىنى ئۆزگەرتكەن بولۇپ، بىرىنچى تومدىكى پېرسوناژلارنىڭ مىجەز - خاراكتېرى دېگەندەك چىن بولماي قاپتۇ دەپ قاراپ، ئىككىنچى تومنىڭ يېزىلىپ بولغان قىسمىدىن رازى بولمىغاچقا، ئورىگىنالنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈۋېتىپ قايتا يېزىشقا كىرىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئەسەرنى قايتا - قايتا ئۆزگەرتىش ، كۆيدۈرۈۋېتىپ قايتا يېزىش ئارقىسىدا، »ئۆلۈك جانلار« نىڭ ئىككىنچى تومىنى يېزىشقا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ10 يىل ۋاقىت كېتىدۇ. ئەپسۇسكى، گوگۇل ئەسەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر بېتىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن ئەسەرنى يەنىلا ياخشى چىقمىغاندەك ھېس قىلىپ،10 يىل يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان بۇ ئەسىرىنىمۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ.
گوگۇل ئۆزىنىڭ يېزىقچىلىق ھاياتىدا: يازغان ئەسىرىمدىن ئۆزۈممۇ رازى بولمىسام، تاشلىۋېتىشكە رازىمەنكى، ھەرگىز يەڭگىللىك قىلىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرمەيمەن، بولمىسا، ئۇنداق ئەسەر ئەۋلادلاردا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ، جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزىدۇ، دېگەن قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلغان. گوگۇل گەرچە «ئۆلۈك جانلار» رومانىنىڭ ئىككىنچى تومىنى ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلالمىغان بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەرگە ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كەسكىن مۇئامىلە قىلىشتەك قىممەتلىك روھنى قالدۇرۇپ كەتكەن.