غەربىي سەھرايى كەبىر[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] غەربىي سەھرايى كەبىر ئافرىقىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. يەر مەيدانى 266 مىڭ كۋادرات كىلومېتر. ئاھالىسى ئەرەبلەر ۋە پارپالاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئەرەب تىلى ۋە ئىسپان تىللىرى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدۇ. ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى ھېسابلىنىدۇ.[CRLF]مىلادى Ⅶ ئەسىردە ئەرەبلەر بۇ جايغا كەلگەن. ⅩⅤ ئەسىردە پورتىگالىيە ۋە ئىسپانىيىلەر بېسىپ كىرگەن. 1958-يىلى 1-ئايدا ئىسپانىيە بۇ جاينى ئۆزىنىڭ بىر سىرت ئۆلكىسى قىلىۋالغان. 1976-يىلى 2-ئايدا ئىسپانىيە چېكىنىپ چىققان. ئارقىدىنلا ماراكەش ۋە ماۋرىتانىيە بېسىپ كىرىپ، بۆلۈشۈپ ئىدارە قىلغان. يەرلىك خەلقلەر ئۇلارغا قارشى بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، 1979-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى ماۋرىتانىيە ئەسكەر چېكىندۈرگەن. ماراكەش شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن دۆلەتنى كونترول قىلىۋالغان. 1975-يىلدىن بېرى ب د ت غەربىي سەھرايى كەبىر مەسىلىسى توغرىلىق كۆپ قېتىم قارار ماقۇللىغان، لېكىن ئۇ يەرنىڭ ماراكەشنىڭ كونتروللىقىدا تۇرماقتا.