Uyghur主要词典
غەربىي پرۇسسىيە
دۇنيا تارىخى
تارىخىي رايون نامى. تەخمىنەن پولشانىڭ شەرقىي پومورزى رايونىغا يەنى گدانسكى رايونىغا باراۋەر كېلىدۇ. تيوتون رىتسارلار پولكى 13 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا شەرقىي پرۇسسىيىنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، 16 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە غەربىي پرۇسسىيىنىمۇ ئىشغال قىلغان. 1466 - يىلى پولشا تيوتون رىتسارلار پولكىنى مەغلۇپ قىلىپ، غەربىي پرۇسسىيىنى قايتۇرۋالغان. شەرقىي پرۇسسىيە يەنىلا شەرقىي رىتسارلار پولكىنىڭ قولىدا قالغان بولسىمۇ لېكىنپولشاغا بويسۇنىدىغان بولغان. 1772 - يىلى غەربىي پرۇسسىيە پرۇسسىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېتىلگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1919 - يىلىدىكى <ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى>غا ئاساسەن، بىرقىسمى پولشاغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن. گدانسكى خەلقئارا نازارەت ئاستىدىكى ئەركىن شەھەر قىلىنغان، يەنە بىر قىسمى شەرقىي پرۇسسىيىنىڭ باشقۇرۇشىغا بۆلۈپ بېرىلگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1945 - يىلىدىكى پوتسىدام يىغىنىدا پۈتۈن غەربىي پروسسىيىنى پولشاغا قوشۇپ بېرىش قارار قىلىنغان.