Uyghur主要词典
غەربىي يۇرتلۇق ۋۇگۇڭ شەيخنىڭ مەقبەرەسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى ئىسلام ئەۋلىياسىنىڭمەقبەرەسى بولۇپ، ئورنى فۇجۇ شەھىرىنىڭ غەرىبىي تەرىپىدىكى شاڭشەن بېيپو جىڭبەنتىڭ مەھەللىسىدىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىدا. بۇ مەقبەرە يۈەنسۇلالىسى دەۋرىدە جۇڭگوغا كەلگەن پرسىيىلىك ئۆلىما ئىبنى مۇئفىد ئەمىر ئالالىددىن (؟_1306) نى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن سېلىنغان. يەرلىك مۇسۇلغانلار بۇ مەقبەرىنى «ئەۋلىيا مەقبەرسى» دەيدۇ. 1846 - يىلى تىكلەنگەن تاش ئابىدىدە «غەربىي يۇرتلۇق ۋۇگۇڭ شەيىخنىڭ مەقبەرەسى» دېيىلىدۇ. مەقبەرەنىڭ شەرقىي شىمالىغا مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرە يوقلاپ كەلگەندە ناماز ئوقۇشى ئۈچۈن ئۆي ۋە مۇستەھەپخانا سېلىنغان. ئابىدىدە يېزىلىشىچە، ئالالىدىدىن يۈەن سۇلالىسىنىڭ قوشۇنى بىلەن فۇجيەنگە كەلگەن. 1306 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. 1983 - يىلى فۇجۇ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەقبەرەنى رېمونت قىلىشقا پۇل ئاجراتتى ھەمدە مەقبەرە چۆرىسىگە تام سالدۇردى.