Uyghur主要词典
غالچەك
شىۋىلەر
سۇ بويلىرى ۋە يول بويلىرىدىكى نەم جايلاردا ئۆسىدىغان بىر خىل ئوت.
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ غالچەك ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، غالچەككە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك
بولۇپ، ئېگىزلىكى 50 - 80 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك، يۇقىرى قىسمى تۆت قىرلىق، تۆۋەن قىسمى تۈۋرۈكسىمان بولۇپ، كۆپ شاخلىنىدۇ؛
يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسكەن، سېپى يوق دېيەرلىك، شەكلى تېمىنەسىمان، ئۇچى تەدرىجىي ئۇچلانغان، تۈۋى تەدرىجىي تارايغان؛ گۈلى يەككە ھالدا شاخ
ئۇچىدىكى يوپۇرماق قولتۇقىدىن ئۆسكەن، رەڭگى قىزغۇچ سۆسۈن بولۇپ، توپلىشىپ باشاقسىمان گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ؛ غوزا مېۋىسى
سوقىچاقراق يۇمىلاق بولۇپ، پۈتۈنلەي گۈل كاسسىسىغا ئورۇلۇپ تۇرىدۇ. ئۇرۇقى كۆپ ۋە ئۇششاق بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈزدە يىغىۋېلىپ، يۇيۇپ، توغراپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ
تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سۇ بويلىرى، يول بويلىرى
ۋە نەم يەرلەردە ئۆسىدۇ.
قۇرۇق سوغۇق.
بەدەننى قورۇش ۋە ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ
15 ~ 20 گرام غالچەكنى 15 گرام قارا چاي بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، باكتېرىيىلىك تولغاق ۋە ئىچ سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام غالچەكنى 12 گرام زاراڭزا چېچىكى بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قان توسۇلۇپ قېلىش ۋە ھەيز كەلمەسلىككە مەنپەئەت
قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى غالچەكنى دەملەپ ئىچىپ بەرسە، ئىچ سۈرۈش ۋە سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
غالچەك ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى تىك، كۆپ شاخلىنىدۇ. يوپۇرمىقى تۆمۈنە شەكلىدە بولۇپ ئۇدۇل ئۆسىدۇ، سېپى يوق دېيەرلىك. گۈلى قىزغۇچ سۆسۈن، توپلىشىپ باشاقسىمان گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ. غوزا مېۋىسى سوقىچاقراق، ئۇرۇقى كۆپ ۋە بەك ئۇششاق بولىدۇ. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى دورا قىلىنىدۇ. تەمى سەل ئاچچىق، تەبىئىتى مۆتىدىل، زەھەرسىز، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش رولىغا ئىگە.