Uyghur←Chinese主要词典
غالچەك
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
千屈菜
qiān qū cài
بۇ غالچەك ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، غالچەككە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك
بولۇپ، ئېگىزلىكى 50 - 80 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك، يۇقىرى قىسمى تۆت قىرلىق، تۆۋەن قىسمى تۈۋرۈكسىمان بولۇپ، كۆپ شاخلىنىدۇ؛
يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسكەن، سېپى يوق دېيەرلىك، شەكلى تېمىنەسىمان، ئۇچى تەدرىجىي ئۇچلانغان، تۈۋى تەدرىجىي تارايغان؛ گۈلى يەككە ھالدا شاخ
ئۇچىدىكى يوپۇرماق قولتۇقىدىن ئۆسكەن، رەڭگى قىزغۇچ سۆسۈن بولۇپ، توپلىشىپ باشاقسىمان گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ؛ غوزا مېۋىسى
سوقىچاقراق يۇمىلاق بولۇپ، پۈتۈنلەي گۈل كاسسىسىغا ئورۇلۇپ تۇرىدۇ. ئۇرۇقى كۆپ ۋە ئۇششاق بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈزدە يىغىۋېلىپ، يۇيۇپ، توغراپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ
تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سۇ بويلىرى، يول بويلىرى
ۋە نەم يەرلەردە ئۆسىدۇ.
قۇرۇق سوغۇق.
بەدەننى قورۇش ۋە ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ
15 ~ 20 گرام غالچەكنى 15 گرام قارا چاي بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، باكتېرىيىلىك تولغاق ۋە ئىچ سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام غالچەكنى 12 گرام زاراڭزا چېچىكى بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قان توسۇلۇپ قېلىش ۋە ھەيز كەلمەسلىككە مەنپەئەت
قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى غالچەكنى دەملەپ ئىچىپ بەرسە، ئىچ سۈرۈش ۋە سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
千屈菜
qiān qū càiDئۆسۈملۈك
败毒草
bài dú cǎoDئورمانچىلىق
千层菜
qiān céng càiDئۆسۈملۈك
千年桐<>千屈菜
qiān nián tóng <>qiān qū càiDئۆسۈملۈك
对叶莲
duì yè lián