Uyghur主要词典
غالجىر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
غالجىرلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان.
غالجىر پىلنىڭ يولىدا تۇرما. قۇترىغان ئىت قىرىق كۈنلا ياشايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تېبابەت
ئى . ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل. بۇنى بىر خىل ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپىنچە ئىت، مۈشۈك قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىدا ياكى بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئىت، مۈشۈكلەر چىشلىۋالغان ئادەملەردە بولىدۇ. ئادەملەرگە شۇ ھايۋانلار چىشلىگەندىن كېيىن يۇقىدۇ.
سۈپ. شۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان.
غالجىر ئىت چىشىدىن زەھەر تامىدۇ.
سۈپ كۆچمە. ئەسەبىيلەشكەن ۋەھشىي، ياۋۇز، قەبىھ .
ئايالىمنىڭ خەۋەر تېپىشىچە، مەن يىقىلغاندىن كېيىن، ئۆلمەك ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك، ھېلىقى غالجىر چېرىك بىر نەچچىنى تېپىپتۇ. يەنە ئوتۇن بىلەن ئۇرۇپتۇ.