Uyghur主要词典
فولكلور
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئىنگلىزچە خەلق ھېكمەتلىرى دېگەن مەنىدە
خەلق تەرىپىدىن يارىتىلغان ئەسەرلەر خەلق ئېغىز ئىجادى دەپ ئاتىلىدۇ. خەلق تەرىپىدىن يارىتىلغان بەدىئىي ئەدەبىيات «فولكلور» دەپمۇ ئاتىلىپ كەلمەكتە. خەلق ئېغىز ئىجادى ئىنسانلار ھاياتىدا بىرلىشىپ ئەمگەك قىلىش باشلانغاندىن كېيىنلا پەيدا بولغان، ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ئېغىز ئىجادى (ماقال - تەمسىل، بېيىت - قوشاق، داستان، لەتىپە، چۆچەكلەر) ئارقىلىق ئۆز پىكىرلىرىنى، ھېس - تۇيغۇ، ئارزۇ - ئارمانلىرىنى ئىپادىلىگەن، كېيىنرەك، بولۇپمۇ سىنىپىي جەمئىيەتتە خەلق ئېغىز ئىجادى خەلق ئاممىسىنىڭ كۈرىشىنى ئىپادىلەپ، ئەزگۈچى زالىملارغا قارشى ئەڭ باتۇر، يېڭىلمەس كۈرەش قورالى بولۇپ كەلدى.
خەلق ئېغىز ئىجادى يېزىق ۋە يازما ئەدەبىيات پەيدا بولۇشتىن كۆپ زامانلار ئىلگىرى پەيدا بولغان ۋە يازما ئەدەبىيات ئۈچۈن ئاساس بولغان، خەلق ئېغىز ئىجادى بىلەن يازما ئەدەبىيات ھەر دائىم بىر بىرى بىلەن ئالاقىدار بولۇپ، ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى،
قەدىمكى زاماندىن تارتىپ ھازىرغىچە ھەر قانداق بىرەر خەلقنىڭ ئېغىز ئىجادى ئۈزۈلۈپ قالغان ئەمەس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خەلق بىىۋاسىتە ئىجاد قىلغان، خەلق ئارىسىدا كەڭ تارالغان ئېغىز ئەدەبىياتى: بېيىت، قوشاق، چۆچەك، رىۋايەت، ئەپسانىلار، ماقال - تەمسىل، تېپىشماق ۋە باشقىلار.
ھەر مىللەتنىڭ فولكلورلىرىنى توپلاش ئىشى ياخشى ئىشلىنىۋاتىدۇ. قۇمۇل ۋىلايىتى نەشىر قىلغان «قۇمۇل نەزمىلىرى» بۇ جەھەتتىكى نەتىجىلەرنىڭ بىرى. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى - زور بايلىق. بۇ بايلىقنى ئېچىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<ئىنگلىزچە
ئەدەبىيات
خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە>ئىتالىيانچە
كۈچلۈك بېسىم بىلەن يەر ئۈستىگە ئېتىلىپ چىقىپ تۇرىدىغان سۇ، گاز، نېفىت قاتارلىقلار.
ئۇرغۇپ يەر قېتىدىن چىققان سۈزۈك سۇ، بولۇپتۇ بىھېساب مەرۋايىت جالا. كۈمۈشتەك ھەر جالا قايرىلىپ چۈشۈپ، ياساپ زور بىر فونتان تۇرار باغ ئارا.
مەنزىرىنى گۈزەللەشتۈرۈش ياكى مۇناسىۋەتلىك جايلارغا ئورنىتىلىدىغان، ئېغىزىدىن يۇقىرىغا سۇ ئېتىلىپ چىقىپ تۇرىدىغان تۇرۇبا نەيچىسى، شۇنداق قۇرۇلما.
تۈن پەردىسى چۈشۈشكە باشلىغاندا، يىغىن بىناسىنىڭ ئالدىدىكى چوڭ چىراغلار تەڭلا نۇر چېچىشقا باشلاپ، فونتاندىن ئېتىلىپ چىققان سۈزۈك سۇلارغا ئاجايىپ چىرايلىق ھۆسن كىرگۈزگەنىدى.