فونتان (فونتانى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىتالىيانچە[[يەشمىسى:] ① كۈچلۈك بېسىم بىلەن يەر ئۈستىگە ئېتىلىپ چىقىپ تۇرىدىغان سۇ، گاز، نېفىت قاتارلىقلار:[مىسال:] ئۇرغۇپ يەر قېتىدىن چىققان سۈزۈك سۇ، بولۇپتۇ بىھېساب مەرۋايىت جالا. كۈمۈشتەك ھەر جالا قايرىلىپ چۈشۈپ، ياساپ زور بىر فونتان تۇرار باغ ئارا.[يەشمىسى:] ② مەنزىرىنى گۈزەللەشتۈرۈش ياكى باشقا ئېھتىياجلار تۈپەيلىدىن كۆل ياكى مۇناسىۋەتلىك جايلارغا ئورنىتىلىدىغان، ئېغىزىدىن يۇقىرىغا سۇ ئېتىلىپ چىقىپ تۇرىدىغان تۇرۇبا نەيچىسى، شۇنداق قۇرۇلما:[مىسال:] تۈن پەردىسى چۈشۈشكە باشلىغاندا، يىغىن بىناسىنىڭ ئالدىدىكى چوڭ چىراغلار تەڭلا نۇر چېچىشقا باشلاپ، فونتاندىن ئېتىلىپ چىققان سۈزۈك سۇلارغا ئاجايىپ چىرايلىق ھۆسن كىرگۈزگەنىدى.