Uyghur主要词典
فوش
دۇنيا تارىخى
(1851 - 1929) فرانسىيە مارشالى. كىچىكىدە مېيىس چېركاۋىنىڭ قارىمىقىدىكى مەكتەپتە ئوقۇغان. كېيىن پارىژ ئۇنىۋېرسال سانائەت مەكتىپى، توپچى تەربىيلەش مەكتىپى ۋە ئالىي ھەربىي شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. 1894 - يىلى ئالىي ھەربىي شۆيۈەنىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1908 - يىلى شۆيۈەننىڭ برىگادىر گېنېرال دەرىجىلىك مۇدىرى بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەرقايسى شتابلاردا قۇشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1913 - يىلى نانسى 20 - جۈنتۈەننىڭ قوماندانى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە مارنا دەرياسى، ئىپىرى قاتارلىق جەڭلەرگە قاتناشقان. 1915 - 1916 - يىللىرى شىمالىي جىتۈەنجۈنگە قوماندانلىق قىلغان. 1917 - يىلى 5 - ئايدا فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقى بولغان ۋە ئانتانتا ئارمىيىسى قوماندانلىق شتابىنى قۇرۇش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن. 1918 - يىلى 3 - ئايدا غەربىي سەپتىكى ئانتانتا قوشۇنىنىڭ ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولغان. 5 - ئايدا ئانتانتا ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 8 - ئايدا فرانسىيە مارشالى بولغان. 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ تەسلىمىنى قوبۇل قىلغان. 26 - كۈنى مىسسىسقا شەرەپ بىلەن قايتقان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا، ئانتانتا ئارمىيىسىنىڭ غەلىبە قىلىشىدىكى ئاساسىي رەھبىرى دەپ تونۇلغان. ئەنگلىيە ۋە پولشانىڭ مارشالى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇرۇشتىن كېيىن فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيسىنىڭ ئەزالىقىغا، ئالىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. <ئۇرۇش قائىدىسى>، <ئۇرۇشتىكى قوماندانلىق> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.