Uyghur←Chinese主要词典
فاشىستلار پارتىيىسى
دۇنيا تارىخى
法西斯党
fǎ xī sī dǎng
ئەسلى لاتىنچە Fascesنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن كەلگەن. (1)1922 - 1943 - يىللىرى ئىتالىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئەكسىيەتچىل مۇستەبىت پارتىيە. پارتىيە ئەزالىرى قارا رەڭلىك كاستۇم - بۇرۇلكا كىيىدىغانلىقتىن، قارا كىيىملىك پارتىيە دەپمۇ ئاتالغان. بۇ پارتىيىنىڭ تەكتى 1919 - يىلى مۇسسۇلىن تەشكىللىگەن فاشىستىك <جەڭگىۋار پولىك> بولۇپ، 1921 - يىلى پارتىيە بولۇپ قۇرۇلغان. 1922 - يىلى 10 -ئايدا مۇسسۇلىن رىمغا قوشۇن تارتىپ كېلىپ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان. كوممۇنىزمغا قارشى تۇرۇش، تەرتىپنى مۇقىملاشتۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئەكسىيەتچىل تەشۋىقات، بوھتان چاپلاش ھەمدە قولغا ئېلىش، يوشۇرۇن جازالاش ۋەقەستلەپ ئۆلتۈرۈشتەك ئاق تېررورلۇق ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ، قەدەممۇ قەدەم پارلامېنت تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئاق تېررور مۇستەبىتلىك ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويۇپ، فاشىستىك <ئومۇمىي دۆلەت> نى قۇرۇپ چىققان. سىرتقا قارىتا گېرمانىيە، ياپونىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ بېرلىن - رىم - توكيو ئوق مەركىزىنى قۇرۇپ، ئېفىئوپىيە، ئالبانىيىگە تاجاۋۇز قىلغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1943 - يىلى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن يىمىرىلگەن. (2) مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30 ۋە 40 - يىللىرى ياۋرۇپا، ئاسىيا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئىتالىيىدىكى فاشىستلار پارتىيىسىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئەكسىيەتچىل پارتىيىلەر بارلىققا كەلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىقى گېرمانىيە مىللىي سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيسى ئىدى.