Uyghur←Chinese主要词典
فاشىستلارغا قارشى جەڭگىۋار ئىتتىپاق
دۇنيا تارىخى
反法西斯战斗同盟
fǎn fǎ xī sī zhàn dòu tóng méng
گېرمانىيە پرولېتارىياتىنىڭ فاشىزمغا قارشى ئىنقىلابىي تەشكىلاتى. 1930 - يىلى گېرمانىيە كومپارتىيسى تەشكىللىگەن. گېرمانىيە كومپارتىيىسىنىڭ <گېرمانىيە خەلقنىڭ مىللىي ئازادلىقى ۋە ئىجتىمائىي ئازادلىقى پروگراممىسى>نىڭ (1930 - يىل 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى) تەلىپىگە ئاساسەن، بۇ ئىتتىپاق كەڭ خەلق ئاممىسىنى سەپەرۋەر قىلىپ، فاشىستلار ۋە ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ تېرورلۇق ھەرىكەتلىرىگە ئۈنۈملۈك زەربە بەرگەن. قىزىل جەڭچىلىرىدىن كېيىن، خەلق ئاممىسىنى فاشىستلارغا قارشى كۈرەشكە كۆپ قېتىم تەشكىللىگەن. 1933 - يىلدىن كېيىن ھەرىكىىتنى توختاتقان.