Uyghur←Chinese主要词典
فاشودا ۋەقەسى
دۇنيا تارىخى
法绍达事件
fǎ shào dá shì jiàn
فاشودا بوھرانى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيە ئافرىقىدىكى مۇستەملىكە تالىشىش يولىدا ئېلىپ بارغان ئۇرۇش بوھرانى. 1882 - يىلى ئەنگلىيە مىسىرنى بېسىۋالغاندىن كېيىن <كاپتون - قاھىرە پىلانى>نى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، كېپېتوندىن قاھىرەگىچە بولغان ئافرىقىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان بىر مۇستەملىكە ئىمپېرىيىسىنى قۇرماقچى بولغان. فرانسىيە <يېشىل تۇمشۇق - سۇمالى پىلانى>نى يولغا قويۇپ، يېشىل تۇمشۇقتىن (كاپېۋېردېدىن) سۇمالىغىچە بولغان ئافرىقىنى توغرىسىغاكېسىپ ئۆتىدىغان ئالجىرىيىگە تۇتىشىدىغان بىر مۇستەملىكە ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇشقا ئۇرۇنماقچى بولغان. ئىككى دۆلەت نىل دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان سۇداننىڭ فاشودا (1904 - كودوك دەپ ئۆزگەرتىلگەن)دېگەن جايدا تونۇشقان. 1898 - يىلى 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى مارشان باشچىلىقىدىكى 128 نەپەرفرانسىيە ئەسكىرىي غەربتىن يولغا چىقىپ شەرقتىكى فاشوداغا كېلىپ، بازا قۇرغان. 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى كىتسېنىې باشچىلىقىدىكى ئەنگلىيە قوشۇنى جەنۇب تەرەپتىن فاشوداغا يۈرۈش قىلىپ فرانسيە قوشۇنىنى چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ئۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارغا تەھدىت سالغان. ئاخىر فرانسىيە قوشۇنى 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چېكىنىشكە مەجبور بولغان. ئىككىنچى يىلى 3 - ئايدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنىپ، ئاساسىي جەھەتتىن چاد كۆلى، گانگۇ ۋە نىل دەرياسى ئېقىمى ئىككى تەرەپنىڭ مۇستەملىكە تەسىر دائىرىسىنىڭ چېگرىسى قىلىنغان، فرانسىيە سۇدانغا بولغان تەلىپىدىن ۋاز كېچىپ، نىل دەرياسى ۋادىسىدىن چېكىنگەن ۋە تۆلەم قاتارىدا چاد كۆلى ۋادىسى ۋە ۋاداي قاتارلىق جايلارغا ئىگە بولغان.