Chinese→Uyghur主要词典
俄士战争
دۇنيا تارىخى
روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشى
روسىيە قارا دېڭىز ۋە بالقان رايونىغا كېڭەيمىچيلىك قىلىپ تۈركىيە بىلەن ئۇرۇشقان. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قەدەرئۇرۇشلار(1) 1696-1695-يىلىرىدىكى ئۇرۇش، پېتر روسىيە قوشۇنلىرىنى باشلاپ ئازوۋ(ئازوۋ دېڭىزنىڭ شەرقىي شىمالى)رايونىنى ئىشغال قىلغان. (2)1710-1713-يىللىرىدىكى ئۇرۇش. روسىيە مەغلۇپ بولۇوپ ئازوۋ رايونىنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بەرگەن (3)1735-1739-يىللىردىكى ئۇرۇش روسىيە ئازوۋ رايونىنى قايتىدىن تارتىۋالغان.(4)1768-1774-يىللىرىدىكى ئۇرۇش، تۈركىيە مەغلۇپ بولۇپ،<كيۇچۇك قاينارجا سۈلھ شەرتنامىسى>نى ئىمزالىغان (5)ـ1791-1778-يىللىرىدىكى ئۇرۇش روسىيە قوشۇن غەلىبە قىلىپ تۈركىيىنى<ياسىسى سۈلھ شەرتنامىسى>نى ئىمزالاشقا مەجبور قىلغان (6)1806 -1812-يىللىرىدىكى ئۇرۇش تۈركىيە قوشۇنلىرى يېڭىلىپ<بوخارىست سۈلھ شەرتنامىسى>نى ئىمزالاشقا مەجبور بولغان. (7)1828-1829-يىللرىدىكى ئۇرۇش روسىيە غەلىبە قازىنىپ،<ئادرىياتبورگ سۈلھ شەرتنامىسى>ئىمزالىنىپ، روسىيە دۇناي دەرياسى ئېغىزىدىكى رايونلار بىلەن كاپكازدىكى قارا دېڭىز قىرغاقلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىشغال قىلىۋالغان.(8)قىرىم ئۇرۇشى(ـ1856-1853). روسىيە يېڭىلىپ<پارىژ سۈلھ شەرتنامىسى>ئىمزالانغان.(9)1877-1878-يىللىرىدىكى ئۇرۇش تۈركىيە يېڭىلىپ،<سان سىتېپانو سۈلھ شەرتنامىسى>نى ئىمزالاشقا مەجبور بولغان، روسىيە تۈركىيىگە قارىتا كۆپ قېتىملىق ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە قارا دېڭىز قىرغىقى كاپكاز رايونى ۋە بالقان يېرىم ئارىلىدىكى كۆپلىگەن زېمىنلارنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان.