Chinese→Uyghur主要词典
俄尔甫斯
دىن
é ěr fǔ sī
希
ئورفېئۇس
دۇنيا تارىخى
ئورفېئۇس
قەدىمكى يۇنان رىۋايەتلىرىدىكى ئاتاقلىق شائىر ھەم ناخشىچى. سىراس رىۋايىتىدىكى پادىشاھ ئاگېس بىلەن موسېس مەبۇدە كالىئوپېنىڭ ئوغلى. خۇدا ئاپوللون ئۇنىڭغا كىفارا تەقدىم قىلغان، موسېس تەڭرىلىرى ئۇنىڭغا مۇزىكا چېلىش ۋە ناخشا ئېيتىشنى ئۆگەتكەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇنىڭ سەنئەت ماھارىتى ئاجايىپ يۇقىرى بولۇپ، ھەتتا ئۇچار قۇش، يىرتقۇچ ھايۋانلارمۇ ئۇنىڭ مۇزىكىسى بىلەن ناخشىسىنى ئاڭلىغاندا باشلىرىنى ئېگىشىپ، گىگانت تاشلارمۇ لەرزىگە كېلىدىكەن، ئۇ يەنە يازوننىڭ ئالتۇن قوي يۇڭىنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن قىلغان سەپىرىگە قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ مۇزىكىسى ئارقىلىق سەپەر ئۈستىدىكى نۇرغۇنلىغان جاپا - مۇشەققەتلەرنى يەڭگەن. گۈزەل ئېئوردىك بىلەن توي قىلغان، كېيىن ئېئوردىكنى زەھەرلىك يىلان چېقىپ ئۆلتۈرۋەتكەنلىكتىن، ئورفېئۇس ئۇنى ئىزدەپ باقىي ئالەمگە بېرىپ، ئۆزىنىڭ مۇڭلۇق مۇزىكىسى ئارقىلىق ئاخىرەت شاھى خادېس بىلەن خانىكە پېرسېفوننى تەسىرلەندۈرگەن ھەمدە قايتىش سەپىرىدە كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىماسلىق شەرتى بىلەن ئېئوردىكنى پانىي ئالەمگە قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ئىجازەت ئالغان. ئەمما يەر يۈزىگە يېقىنلىشاي دېگەن چاغدا ئورفېئۇس ئايالىنىڭ ئۆزىگە يېتىشىپ مېڭىۋاتقان ياكى ماڭالمايۋاتقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن توساتتىنلا كەينىگە قاراپ سالغان. نەتىجىدە ئېئوردىك قايتىدىن باقىي ئالەمگە كېتىپ قالغان. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشچە، ئۇ ۋېنو خۇداسى دىئونسوسنىڭ چىشىغا تېگىپ قويغانلىقتىن، ئۇنىڭ بىر توپ غالجىر ئايال مۇرىتلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، جەسىتى پارچە - پارچە قىلىۋېتىلگەن. ئورفېئۇسقا تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىملىرى كېيىنكى مەزگىللىرىدە تەرەققىي قىلىپ، سىرلىق ئورفېئۇس دىنى بولۇپ شەكىللەنگەن ھەمدە قەدىمكى يۇنان جەمئىيىتى ۋە ئىدىيىسىگە مەلۇم تەسىر كۆرسەتكەن.