Chinese→Uyghur主要词典
俄国社会民主工党
دۇنيا تارىخى
روسىيە سوتسىيال دېموكراتلار ئىشچىلار پارتىيىسى
روسىيە پرولېتارىياتنىڭ سىياسىي پارتىيىسى.1892-يىلى 3-ئايدا بىر قانچە شەھەردىكى ماركىسىزم گۇرۇپپىلرى ۋە جەمئىيەتلىرى مىنسىكىدا روسيە سوتسىيال دېموكراتلار ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ بىرىنچى قۇرۇلتىيىنى چاقىرغان. لېكىن پارتىيە پروگراممىسى ۋە پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈزۈپ چىقمىغان. لېنىننىڭ نەزەرىيە ۋە تەشكىلىي جەھەتلەردە خىزمەت ئىشلىشى ئارقىلىق، 1903-يىلىدىكى ئىككىنچى قۇرۇلتىيىدا پارتىيىنىڭ پروگراممىسى بىلەن پارتىيە نىزامنامىسى تۈزۈپ چىقىلىپ، ئاندىن ھەقىقىي بىر سىياسىي پارتىيە بولغان. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا تەشكىلىي مەسىلىلەر جەھەتتىكى ئېغىر ئىختىلاپلار تۈپەيلىدىن، پارتىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بولشېۋىكلار ۋە مېنشېۋىكلاردىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كەتكەن. 1912-يىلى پارتىيىنىڭ ئالتىنچى نۆۋەتلىك پۈتۈن روسىيە ۋەكىللىرى يىغىنىدا، مېنشىۋىكلار پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. بولشېۋىكلار مۇستەقىل سىياسىي پارتىيىگە ئايلىنىپ <روسىيە سوتسىيال دېمۇكراتلار ئىشچىلار پارتىيىسى(بولشېۋىكلار)>دېگەن قوش نام بىلەن ئاتالغان. 1918-يىلى 3-ئايدىكى پارتىيىنىڭ يەتتىنچى قۇرۇلتىيىدا لېنىننىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن پارتىيىنىڭ نامى<روسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى(بولشېۋىكلار)>گە ئۆزگەرتىلگەن. قىسقارتىلىپ،<ر ك پ (ب)> دەپ ئاتالغان. 1925-يىلى 12-ئايدا ئېچلغان 14-نۆۋەتلىك پارتىيە ۋەكىللىر قۇرۇلتىيىدا يەنە ئۆزگەرتىلىپ<پۈتۈن ئىتتىپاق كوممۇنىستىك پارتىيىسى(بولشېۋىكلار)>قىسقارتىلىپ <ۋ ك پ (ب)>دەپ ئاتىلىدىغان بولغان. 1952-يىلى 10-ئايدا ئېچىلغان 19-نۆۋەتلىك پارتىيە ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىدا يەنە ئۆزگەرتىلىپ، <سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى>قىسقارتىلىپ<سوۋېت كومپارتىيىسى>دەپ ئاتىلىدىغان بولغان.