English→Uyghur主要词典
Dongnationality
دۇنيادىكى مىللەتلەر
دۇڭزۇلار
دۇڭزۇلار ئېلىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب رايونىدا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى. دۇڭزۇلار ئۆزىنى <گاملار> دەپ ئاتايدۇ، خەنزۇ تارىخنامىلىرىدا <دۇڭرېنلار>،<گېلىڭلار>(سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە)، <دۇڭلار>،<دۇڭجيالار>(مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە)،<دۇڭلياۋلار>،<دۇڭمەنلەر>،<دۇڭمياۋلار> ھەتتا خاتا ھالدا <مياۋلار>،<دۇڭجياۋلار> دەپ ئاتالغان. ئازادلىقتىن كېيىن ئومۇملاشتۇرۇلۇپ <دۇڭزۇ مىللىتى> دەپ ئاتاش بەلگىلەندى.
دۇڭزۇلار ئاساسەن گۇيجۇ، خۇنەن، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونۇم رايونىغا چېگرىداش بولغان جايلارنى مەركەز قىلغان ھالدا، 20 نەچچە ناچىيىگە تارقاق جايلاشقان، نوپۇسى 2 مىليون 514 مىڭ.
دۇڭزۇلار خەنزۇ - تىبەت تىللىرى سىستېمىسى جۇاڭزۇ - دۇڭزۇ تىللىرى گۇرۇپپىسى دۇڭزۇ - شۈيزۇ تىللىرى تارمىقىغا تەۋە دۇڭزۇ تىلىنىڭ ئىككى خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، مىللى يېزىقى يوق.
ئاھالىسى كۆپ ئىلاھلىق دىنغا ۋە روھ - ئەرۋاھقا ئېتىقاد قىلىدۇ، تەبىئەتكە چوقۇنىدۇ، ئاز قىسمى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
دۇڭزۇلار ئاساسەن، يېزا ئىگىلىكى قوشۇمچە ئورمانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، يېزا ئىگىلىكىدە شال، بۇغداي، تېرىق، كۆممىقوناق، كېۋەز، تاماكا، پۇرچاق تېرىلىدۇ، چاي ئۆستۈرىلىدۇ، دۇڭزۇلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمكى <بەييۆلار>(تۈرلۈك يۆلەر) گە تەۋە بولۇپ، چىن ۋە خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ھازىرقى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ غەربىي قىسمىدا ياشىغان <غەربىي ئوۋلار> نىڭ بىر تارمىقىنىڭ تەرەققىياتىدىن بارلىققا كەلگەن مىللەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
دۇڭزۇ خەلقىنىڭ دۇمباق راۋىقى بىلەن لەمپىلىك كۆۋرۈكلىرى ئۆزگىچە ئەنئەنىۋى مىللىي بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ۋە ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، بۇ خىل دۇمباق راۋىقى ھەممە مەھەلىلىرىدە قەد كۆتىرىپ تۇرىدۇ.
دۇڭزۇلاردا يىگىت - قىزلارنىڭ ئەركىن مۇھەببەتلىشىپ نىكاھلىنىشىغا يول قويۇلىدۇ، توي رەسمىيىتىمۇ بىر قەدەر ئاددىي بولىدۇ.
دۇڭزۇلارنىڭ كالا (ئۆكۈز) ئىلاھىغا تەزىيە بىلدۈرۈش، دۇڭزۇ يېڭى يىل بايرىمى (ئۆكتەبىر ياكى نۇيابىر)، يېڭىلىق تەمىنى تېتىش، داۋۇ تېغىغا چىقىپ ناخشا ئېيتىشىش، گۈلدار پوجاڭزا ئېتىش، 3 - مارت قومۇش نەي بايرىمى ۋە چېلىشىش بايرىمى قاتارلىق 50 نەچچە مىللىي ھېيت - بايرىمى بار.
دۇڭزۇلار قىزغىن، مېھماندوست، ئەدەب - قائىدىلىك كېلىدۇ، كىشلەر ئۇچراشقاندا مەيلى تونۇش ياكى يات كىشى بولسۇن سالام بېرىپ ئۆتىدۇ، قىزلىرى يولدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ئىچىشى ئۈچۈن يول ئۈسىتىدىكى ئىدىشلارغا سۇ توشقۇزۇپ قويىدۇ، دۇڭزۇلار باشقىلارنىڭ نەرسىسىگە ۋە يوللاردا ئۇچراپ قالغان نەرسىلەرگە كۆز قىرىنى سالماسلىقتەك ئېسىل پەزىلەتكە ئىگە.
دۇڭزۇلار رايونىنىڭ <بىيت ماكانى، ناخشا - غەزەل دېڭىزى> دەپ داڭقى بار، دۇڭزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىدىن، ئۆكۈز ئۈسۈشتۈرۈش، گۈلدار پوجاڭزا ئېتىش، قۇش سوقۇشتۇرۇش قاتارلىقلار بار، بۇ كۆپرەك ھېيت - ئايەم كۈنلىرى ئۆتكۈزىلىدۇ.
دۇڭزۇلاردا بالا تۇغۇلغاندا ئۆينىڭ ئالدى - كەينىگە <پەرزەنىت كۆچىتى> دەپ ئاتىلىدىغان ئون تۈپتىن يۈز نەچچە تۈپكىچە شەمشاد كۆچىتى قويۇپ خاتىرىلەش ئادىتى بار.