English→Uyghur主要词典
Zhuangnationality
دۇنيادىكى مىللەتلەر
جۇاڭزۇلار
جۇڭزۇلار ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئولتۇراقلاشقان جايلارنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ، بۇرۇن ئۆزلىرىنى <بۇخۇاڭ>،<پۇتسۇڭ>،<بۇنۇڭ>،<بۇمەن>،<پۇدەي>،<بۇناۋ> ۋە <بۇياڭ>،<بۇيى> قاتارلىق 20 نەچچە نامى بىلەن ئاتاپ كەلگەنىدى. 1965 - يىلى جۇزۇڭلىنىڭ تەكلىپى ۋە گوۋۇيەننىڭ تەستىقى بىلەن جۇاڭزۇ مىللىتى دەپ ئۆزگەرتىلگەن.
جۇاڭزۇلارنىڭ كۆپى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونۇم رايونى (13 مىليون) غا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، بىر قىسمى يۈننەن ئۆلكىسى ۋېنشەن جۇاڭزۇ ئاپتۇنۇم ئوبلاستىدا، ئاز بىر قىسمى گۇاڭدۇڭ، خۇنەن، گۇيجۇ، سىچۈەن قاتارلىق ئۆلكىلەردىمۇ تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 15 مىليون 500 مىڭ.
جۇاڭزۇلار تىل جەھەتتە: خەنزۇ - تىبەت تىللىرى سىستېمىسى جۇاڭ - دۇڭ تىللىرى گۇرۇپپىسى خۇاڭ - دەي تىللىرى تارمىقىغا تەۋە. خۇاڭ تىللىرىنىڭ ئىككى خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. جۇاڭزۇلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمكى زاماندا چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىمى، ھازىرقى گۇڭدۇڭ، گۇاڭشى، يۈننەن قاتارلىق جايلاردا ياشىغان <يۆلەر> بولۇپ، ئۇلارنى خەنزۇ تارىخنامىلىرىدا <بەييۆلەر>(تۈرلۈك يۆلەر مەنىسىدە) دەپ ئاتىغانىدى. جۇ، خەن، تاڭ ۋە سۇڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە <غەربىي يۆلەر>،<لۆيۆلەر>،<لياۋلار>،<لىلەر> ،<دۇڭلار>،<جۇاڭلار>،<تۇلار> قاتارلىق ناملار بىلەنمۇ ئاتاپ كەلگەن.
جۇاڭزۇلاردا پۈتۈن مىللەتكە ئورتاق بولغان دىنىي ئېتىقاد شەكىللەنمىگەن.
جۇاڭزۇلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەپسانە، رىۋايەت، چۆچەك، ناخشا - قوشاق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇلارنىڭ ئىچىدە <دۇنيانىڭ يارىلىشى> ھەققىدىكى رىۋايەتلەر، <ليۇسەنجيې>، <سىن شۈننىڭ قىزىل دەرياسىنى قېزىپ چىقىشى> قاتارلىقلاr بىر قەدەر كەڭ تارقالغان، ئۇلاردا جۇڭزۇ ئەجدادلىرىنىڭ تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇش قەھرىمانلىق جاسارىتى ۋە تۇرمۇشى جانلىق سۈرەتلەنگەن.
جۇڭزۇلارنىڭ ھېيت - بايراملىرى كۆپ بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاساسلىق ۋە مەھەللىۋى خاراكتېرلىك ھېيت - بايراملىرى 50 نەچچىگە يېتىدۇ.
جۇاڭزۇلارنىڭ مىس دۇمبىقى 2 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇ جۇاڭزۇلاردا بايلىق ھەم ھوقۇقنىڭ سىمۋولى قىلىنىدۇ، جۈملىدىن خەلق ياقتۇرىدىغان سوۋغات بۇيۇمى ھەم چالغۇ ئەسۋابى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
جۇاڭزۇلار ئىجتمائىي ئىگىلىك جەھەتتە ئاساسەن دېھقانچىلىق، قوشۇمچە ئورمانچىلىق ۋە بېلىقچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. جۇاڭزۇ كىمخابى كىشلەر ياقتۇرىدىغان، پۈتۈن مەملىكەتكە داڭلىق قول ھۈنەر مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدۇ.
جۇاڭزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدىن ئەجدەرھا ئۇسسۇلى، ئەپكەش چېلىش، سۇمرۇغ ئويۇنى، كېپىنەك ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى ۋە تۈگمە گۈل ئېتىشىش، بۆجەلگەن توپ تاشلاش، ئۇزۇنچاق ياغاچ كەش ماھارىتى تەپكۈچ ئويناش، چامباشچىلىق، قارىغا ئېتىش، تۇخۇم چېكىشتۈرۈش قاتارلىقلار بار. بۇ پائالىيەتلىرىنى كۆپىنچە بوش ۋاقىت ۋە ھېيت - ئايەم كۈنلىرى ئېلىپ بارىدۇ.
جۇاڭزۇلار ئومۇمەن بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق نىكاھ تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ، يىگىت - قىزلارنىڭ ئەركىن مۇھەببەتلىشىشىگە رۇخسەت قىلىدۇ.
جۇاڭزۇلار مېيتنى ياغاچ ساندۇققا سېلىپ داققا - دۇمباق چېلىپ يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلىدۇ. بەزى جايلىرىدا مېيتنى قىياغا يەنى قىيا جايلارغا ئېتىپ دەپنە قىلىدۇ. بەزى جايلاrدا جەسەتنى ئېچىپ ئۇستىخانلىرىنى يىغىپ قايتا قاچىلاپ دەپنە قىلىش ئادىتى بار. جۇاڭزۇلار ئادەتتە ئاتىسى قازا تاپسا 20 كۈن، ئانىسى قازا تاپسا 40 كۈن ھازا تۇتىدۇ.
جۇاڭزۇلار مەيلى تونۇش بولسۇن ياكى يات كىشى بولسۇن، ئۆيىگە كىرسە قۇربىنىڭ يېتىشىچە قىزغىنلىق بىلەن كۈتىۋالىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆيىگە مېھمان كەلسە بەركەت كېلىدۇ دەپ قارايدۇ.
جۇاڭزۇلارنىڭ ئەل ئىچىدە داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان پەرھىزلىرى كۆپ، ئۇلار بىر قەدەر تارقاق ئولتۇراقلاشقانلىقتىن پەرھىزلىرىمۇ بىردەك ئەمەس. جۇاڭزۇلار ئومۇمەن باھار بايرىمىنىڭ بىرىنچى كۈنى جانلىقلارنى ئۆلتۈرمەيدۇ،چىڭسەي (كەرەپشە) يېمەيدۇ، سىرتقا ئوت كۆتۈرۈپ چىقمايدۇ، ھەمدە ئوچاقتىكى ئوتنى كوچىلىمايدۇ، ئوتنى پۈلىمەيدۇ، 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنىگىچە ئۆزئارا ئۆتنە - بېرىم قىلمايدۇ ھەم قەرز سۈيلىمەيدۇ؛ 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 5 - كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە كىر - قات يۇمايدۇ.پالتا تۇتمايدۇ، 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 3 - كۈنىگىچە كەنتتىن ھالقىپ ھېيتلىمايدۇ؛ چوكانتال كۈنى ئۆيىگە ئوت ياقمايدۇ؛ 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئېتىز - ئېرىق ئىشىنى قىلمايدۇ.
جۇاڭزۇ يىگىت - قىزلىرى تويدىن كېيىن بىرگە بولمايدۇ، توي مەرىكىسى ئاياقلىشىىش بىلەنلا قىز ئۆزىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېتىدۇ، يېڭى يىل (باھار بايرىمى) ھارپىسىدا قىز تەرەپ قىزىنى يىگىت تەرەپكە ئاپىرىپ قويىدۇ، ھەمدە يېڭى يىل بايرىمى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئاندىن يىگىت بىلەن قىز بىرگە بولىدۇ.