English→Uyghur主要词典
Zangnationality
دۇنيادىكى مىللەتلەر
زاڭزۇلار
زاڭزۇلار ئېلىمىزنىڭ شىزاڭ ئاپتونۇم رايونى بىلنە چىڭخەي، گەنسۇ، يۈننەن، سىچۈەن ئۆلكىلىرىنىڭ بەزى جايلىرىدا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئومۇمىي نوپۇسى 4 مىليون 600 مىڭدىن كۆپرەك. بۇنىڭدىن باشقا نېپال، ھىندىستان ۋە بوتان قاتارلىق جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدىمۇ تەخمىنەن 700 مىڭدىن كۆپرەك زاڭزۇ تارقاق ئولتۇراقلاشقان.
زاڭزۇلار قەدىمكى خەنزۇ تارىخنامىلىرىدا <تۈبۈت>،<تىبەت>،<فەنبا>،<تاڭغۇت> قاتارلىق كۆپ خىل ناملار بىلەن قەيت قىلىنىپ كېلىنگەن. بىراق زاڭزۇلار ئۆزلىرىنى <بوبا>لار، <بو> لار (زاڭزۇچە دېھقان مەنىسىدە) دەپ ئاتاپ كەلگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمى <دۇيبا> لار، <ئەندۇۋا> لار، <جارۇڭۋا> لار دەپ ئاتاپ كەلگەن ھەمدە ئولتۇراقلاشقان رايونلىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ، <ۋوت>، <زاڭبا>، <ۋىبا>، <كاڭبا> قاتارلىق كۆپ خىل نام بىلەنمۇ ئاتىشىپ كەلگەن.
زاڭزۇلار خەنزۇ - تىبەت تىللىرى سىستېمىسى تىبەت - بىرما تىللىرى گۇرۇپپىسى زاڭزۇ تىللىرى تارمىقىغا تەۋە زاڭزۇ تىلىنىڭ ئۈچ چوڭ دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ؛ Ⅶ ئەسىردە ئىجاد قىلىنغان سانسىكرىت يېزىقى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقي بار.
زاڭزۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ لاما دىنىنىڭ گېلۇبا (سېرىق دىن) گاداڭبا، نېڭمابا (قىزىل دىن)، گاجۆبا (ئاق دىن)، ساجابا (ئالىچىپاردىن) دىن ئىبارات كۆپ خىل مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
زاڭزۇلارنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، قالغان قىسمى چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق ئارىلاشما ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، چارۋىچىلىقىدا ئاساسەن قوي، ئۆچكە، قوتاز، ئارغۇن كالىسى قاتارلىقلار بېقىلىدۇ؛ دېھقانچىلىق رايونىدا ئارپا، بۇغداي ۋە پۇرچاق تىپىدىكى زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ.
زاڭزۇلارنىڭ بىناكارلىق تېخنىكىسى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، دۇنياغا مەشھۇر لىخاسادىكى زىبۇ دالا (بۇدالا) سارىيى (ئوردىسى) بىلەن گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ گەننەن زاڭزۇ ئوبلاستىدىكى لابىن ئىبادەتخانىسى قاتارلىق قەدىمكى قۇرۇلۇشلار زاڭزۇ خەلقىنىڭ بىناكارلىق سەنئىتى ۋە بۇددىزم مەدەنىيىتنىڭ موھىم مىراسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
زاڭزۇلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىۋى كىيىمى - زاڭزۇ چۆباسى (چاپىنى) دەپ ئاتىلىدۇ؛ بۇ خىل چۆبا ئادەتتە ياقىسىز، تۈگمىسىز، يانتۇ ئوڭ پەشلىك كېلىدۇ؛ زاڭزۇلار ئادەتتە ئۇنىڭ ئىچىگە ياقىلىق، ئۇزۇن يەڭلىك كەمزۇل كېيىپ، چۆباسىنىڭ ئوڭ يېڭىنى ساپماي سول يىڭىنىلا سېپىپ، ئوڭ مۈرىسىنى ئوچۇق قويىدۇ، ئالدى پېشىنىڭ ئاستىنقى قىسمىنى بېلىگە قىستۇرۇۋالىدۇ. پوتا (بەلباغ) باغلىۋالىدۇ، پوتىسىنى يېشىۋەتسە كېچىدە يېپىنچە قىلىشقىمۇ بولىدۇ، ھاۋا ئىسسىق چاغدا ئىككىلا يېڭىنى ساپماي بېلىگە يۆگىۋالىدۇ.
زاڭزۇ ئەر - ئاياللىرى بېشىغا قالپاق ياكى تۇماق، پۇتىغا ئۆتۈك كېيىدۇ، ئاياللىرى <باڭدەن> دەپ ئاتىلىدىغان كەشتىلەنگەن پەرتۇق تارتىۋالىدۇ، مىدالىئون، سىرغا، ئۈزۈك ۋە بىلەيزۈك قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرىنى ياخشى كۆرىدۇ.
زاڭزۇلاردا ئاساسەن بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. زاڭزۇ يىگىت - قىزلىرىنىڭ ئۆز ئارا مۇھەببەت ئىزھار قىلىش ئۇسۇلى ئۆزگىچە بولىدۇ، زاڭزۇ يىگىتلىرىنىڭ بىرەر قىزغا كۆزى چۈشۈپ قالسا ئالدى بىلەن قىزنىڭ بېشىدىكى قالىپىقىنى ئېلىپ قاچىدۇ، يىگىت نەچچە كۈن ساقلاپ ئاندىن قىزنىڭ قالپىقىنى ئېلىپ قاچىدۇ، يىگىت نەچچە كۈن ساقلاپ ئاندىن قىزنىڭ قالپىقىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ، ناۋادا قىزنىڭ بۇ يىگىتكە مەيلى بولسا قالپىقىنى ئالىدۇ. مەيلى بولمىسا قالپىقىنى ئالمايدۇ. زاڭزۇ قىزلىرى بىرەر يىگىتكە مۇھەببەت ئىزھار قىلماقچى بولسا قىز ھالقىسى ياكى مىدالىئونىنى يىگىتكە تەقدىم قىلىدۇ، يىگىتنىڭ مەيلى بولسا سوۋغىنى خوشاللىق بىلەن ئالىدۇ، مەيلى بولمىسا قوبۇل قىلمايدۇ.
زاڭزۇلاردا مېيتنى كۆككە دەپنە قىلىش، يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلىش، سۇغا دەپنە قىلىش ۋە كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىشتىن ئىبارەت كۆپ خىل دەپنە قىلىش ئۇسۇللىرى بار.
زاڭزۇلار ئېلىمىزدىكى ھېيت - بايراملىرى ئەڭ كۆپ مىللەت بولۇپ، دىني ۋە ئەنئەنىۋى ھېيت - بايراملىرى 60 قا يېتىدۇ، ئۇنىڭ كۆپىنچىلىرى دىنىي بارراملارغا كىرىدۇ، زاڭزۇ بايراملىرى ئىچىدە ئەڭ مۇھىم دىنىي ۋە ئەنئەنىۋى بايراملىرىدىن: زاڭزۇ چاغىنى (يېڭى يىل بايرىمى)، ۋوڭگۇ بايرىمى، شۇدۇن بايرىمى، يۇيۇنۇش بايرىمى، ساڭداۋ بايرىمى، ساگاداۋ بايرىمى ۋە گۈل يىغىش بايرىمى قاتارلىقلار بار.
زاڭزۇلار ئۇزاق تارىخ ۋە مول خەلق ئېغىز ئەدەبىيات مىراسلىرىغا ئىگە مىللەت. بۇ مىراسلىرى ئىچىدە تەرجىمىھال ۋە مەدداھلىق - غەزەلخانىلىق ژانىرىغا ياتىدىغان ئېپوسلىرى بىر قەدەر كۆپ. مەسىلەن: تارىخىي داستانى - <بەنماگۇاتاڭ>، <گېسار شاھ تەزكىرىسى>، <مىلارىبا تەزكىرىسى> قاتارلىقلار يالغۇز ئېلىمىزدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنياغا مەشھۇر بولغان خەلق ئېغىز ئەدەبىيات مىراسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ <بەنماگۇاتاڭ> دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن داستان بولۇپ، جەمئىي 460 قىسىم، بەش مىليون مىسرا كېلىدۇ؛ ئۇنىڭ شەكىللەنگەن ۋاقتى <گېسار شاھ تەزكىرىسى> دىن 200 - 300 يىل بۇرۇن بولۇپ، ئۇنى زاڭزۇ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ جەۋھىرى دېيىشكە بولىدۇ.
زاڭزۇلار ئۆم - ئىناق ۋە قائىدە - يوسۇنلۇق، مېھماندوست كېلىدۇ. ئۆيلىرىگە كەلگەن كىشىلەرنى قىزغىن كۈتىۋالىدۇ، مېھمانغا بېيت- قوشاق ئېيتىپ مەي تۇتىدۇ، ئېزىز مېھمانلىرىغا ئاق ياكى سېرىق رەڭلىك <خادا> تەقدىم قىلىدۇ. زاڭزۇلار ئۆزئارا بەكمۇ ئىناق ئۆتىدۇ، ئاتا - ئانىلىرى ۋە قېرى - چۈرىلەرگە يۈكۈنۈپ تەزىم قىلىدۇ، ھەرگىز ئالدىدىن توغرا ئۆتمەيدۇ.
زاڭزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىمۇ بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى ئات بەيگىسى، قوتاز بەيگىسى، پىلىسىمان بولۇپ ئارقان تارتىشىش، چېلىشىش، قارغا ئېلىش، تاغقا چىقىش، ئېغىرلىق كۆتىرىش قاتارلىقلار بار. بۇ پائالىيەتلىرىنى ھېيت - بايرام كۈنلىرىدە ئېلىپ بارىدۇ.
زاڭزۇلار ناخشا - قوشاق ۋە مۇزىكا ئۇسسۇلغا ھېرىسمەن كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ناخشا، مۇزىكا، ئۇسسۇللىرىنى ئېلىمىز ھەر مىللەت خەلقىمۇ ياخشى كۆرىدۇ.
زاڭزۇلارنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشىدا پەرھىزلىرىمۇ بىر قەدەر كۆپ. زاڭزۇلار بۈركۈتنى مۇقەددەس دەپ قارايدۇ، شۇڭا بۈركۈت قاتارلىق ياۋايى ھايۋاناتلارنى ئوۋلاشنى، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشنى مەنئىي قىلىدۇ. بۆرە قاتارلىق يىرتقۇچلار بوغۇپ تاشلىغان ھايۋانلارنىڭ گۆش ۋە تېرىسىنى ئۆيگە ئېلىپ كىرمەيدۇ، ئادەتتە بېلىق، توخۇ گۆشى، توخۇ تۇخۇمىنى يېمەيدۇ، ياز كۈنلىرى ئۆي كۈچمەيدۇ، زاڭزۇلار ئۆيىدە بىرەرسى ئاغرىپ قالسا ياكى تۇغۇتلۇق ئايال بولسا، يات كىشلەرنىڭ كىرىشىنى يامان كۆرىدۇ.
زاڭزۇلار كالا، ئات ۋە قوي ئېغىلىغا ۋە ئۇلاغ باغلايدىغان جايلارغا چوڭ - كىچىك تەرەت قىلىشنى، ئادەم بار يەردە چۈشكۈرۈشنى، يەرگەتۈكۈرۈشنى، ئوسۇرۇپ قويۇشنى، زاڭزۇچە يېزىق بار قەغەز بىلەن قول ياكى باشقا نەرسىلەرنى سۈرتۈشنى بەك ئېغىر ئالىدۇ.
زاڭزۇلار چېدىر ئۆيىگە كىرگەندە، ئاياللار سول تەرەپتە، ئەرلەر ئوڭ تەرەپكە بېرىپ ئولتۇرۇشنى يامان كۆرىدۇ، شۇنىڭدەك، ئاياغ، پايپاق ۋە ئىشتان قاتارلىق نەرسىلەرنى سېلىپ ئوتقا قاقلاپ قۇرۇتۇشنىمۇ ئېغىر ئالىدۇ.
زاڭزۇلار ئادەمنىڭ باش قىسمىنى ئۇلۇغ بىلىدۇ، شۇڭا، ئۇلارنىڭ بېشى ۋە قالپىقىنى تۇتۇشنى ئېغىر ئالىدۇ.
تۆل ئالىدىغان مەۋسۈمى يات كىشلەرنىڭ ئۆي (چېدىر) گە كىرىشنى مەنئى قىلىدۇ، يېڭى كېلىنچەكلەرنى ئېتىز - ئېرىققا چىقارمايدۇ، زاڭزۇلار سېرىق ماي بىلەن سۈت تۇڭلىرىنى ئۇلۇغيدۇ، ئۇنى يۇمايدۇ.
زاڭزۇلار ئۆزگىچە رەڭ قارىشىغا ئىگە. زاڭزۇلار ئومۇمەن ئاق رەڭنى مۇقەددەس بىلىپ ئۇنى پاك - دىيانەتلىكنىڭ سىمۋولى، سېرىق رەڭنى يورۇقلۇق ۋە ئاسايىشلىق، ئۈمىدۋارلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ، زاڭزۇلار شۇ سەۋەبتىن ئېزىز مېھمانلىرىغا ئاق بەخىت <خادا> تەقدىم قىلىدۇ، بۇدساتۋانى تاۋاپ قىلىشقا كەلگەنلەرگە سېرىق <خادا> تەقدىم قىلىدۇ.
زاڭزۇلارنىڭ ئۆزگىچە كالېندارى بار، بۇ خىل كالېندارنى قوللىنىپ كەلگىنىگە مىڭ يىلدىن ئاشتى.
زاڭزۇلاردا قەدىمدىن تارتىپ كىشلەرنىڭ ئىسمىلا بولۇپ ئۇلارنىڭ فامىلىسى بولمايدۇ، بىراق نۇرغۇنلىغان كىشلەرنىڭ ئاتا - بوۋىسىدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۇرۇق - جەمەت پۇشتى نامى بار.