Uyghur主要词典
ئۆمەر سايىت
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
لىرىك شائىر ئۆمەر سايىت (جەۋلانى) 1942 - يىل 7 - ئايدا يەكەن ناھىيسىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلسىدە دۇنياغا كەلگەن، 1961 - يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ يەكەن، پوسكام ناھىيلىرىدە ئوقۇتقۇچى، <يەكەن گېزىتى> دە نابورچىك، ناھىيلىك سەنئەت ئۆمىكىدە كەسپىي ئىجادىيەتچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ، 1958 - يىلى شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھاياتىغا دائىر <شانلىق قۇربان> ناملىق تۇنجى درامىسىنى يازغاندىن باشلاپ نۇرغۇن شېئىر، ناخشا تېكىستلىرى ۋە سەھنە ئەسەرلىرىنى يازغان، ئۆمەر سايىت (جەۋلانى) نىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى بىرلەشمە توپلاملارغا ئېلىنغان، 1995 - يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن <ئوتلۇق نەپەسلەر> ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ يەنە بەزى ئەسەرلىرى مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، ۋىلايەتلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئۆمەر سايىت (جەۋلانى) كېسەللىك سەۋەبىدىن 1992 - يىلى 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى 50 يېشىدا ۋاپات بولغان.
شائىر ھايات ۋاقتىدا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.