Uyghur主要词典
ئۆمەر قادىر
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
كىنو نەزەرىيىچىسى ۋە يازغۇچى ئۆمەر قادىر 1963 - يىل 11 - ئايدا باي ناھىيسىنىڭ توقسۇن يېزىسىدا دېھقان ئائىلسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتپلەرنى ئۆز يېزىسى ۋە ناھىيسىدە ئوقۇپ، 8219 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1987 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتۇتىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان، 1988 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق كىنو - فىلىم شركىتىگە يۆتكىلىپ، <تەڭرىتاغ ئېكرانى> گېزىتىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن، 1995 - يىل 6 - ئايدىن تارتىپ شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسسى ئەدەبىيات - سەنئەت بۆلۈمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
ئۆمەر قادىرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1985 - يىلى كىنو نەزەرىيىسىگە دائىر ماقالىلەرنى يېزىش بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن بېرى ئاساسلىق زېھنىي كۈچىنى كىنوچىلىق ھەققىدىكى تەتقىقاتقا بېغىشلاپ <كىنونىڭ تارىخى ۋەئىجتىمائىي ئورنى>، <كىنو مۇزىكىسى توغرىسىدا>، <كىنودىكى مىللىي پىسىىكا> قاتارلىق نەزەرىيىۋى ماقالە ۋە بىر قىسىم ئوبزورلارنى يازغان.
ئۆمەر قادىر يەنە ھېكايە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <ئالبومغا سېلىنغان سۈرەت> قاتارلىق 20 پارچىدىن كۆپرەك ھېكايە يېزىپ ئېلان قىلغان.
ئۆمەر قادىرنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <ئىجادىيەت ۋە ئىزدىنىش> (باشقىلار بىلەن بىللە، 1992 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق ئوبزورلار توپلىمى، <دەريا بويىدىكى نالە> (1994 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <ئۇيغۇر كىنوچىلىقىمىز ھەققىدە ئويلار> (1995 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ماقالىلەر توپلىمى قاتارلىقلار بار.
ئۆمەر قادىر ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.