Uyghur主要词典
ئۆمەر
يۈز مەشھۇر شەخىس
586 - 644
ئۆمەر دەسلەپتە مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئەشەددىي رەقىبلىرىنىڭ بىرى ئىدى. كېيىن بىردىنلا ئىسلام دىنىغا كىرىپ، پەيغەمبەرنىڭ ئەڭ ياراملىق ساھابىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئىسلام دىنىنىڭ ئىككىنچى خەلىپىسى. ئېھتىمال ئۇ باشقا خەلىپىلەردىن ئۇلۇغ بولۇشى مۇمكىن. ئۇ مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ياردەمچىسى، ساھابىسى ئىدى. مەككىدە تۇغۇلغان. تۇغۇلغان يىلى ئېنىق ئەمەس. 586 - يىللىرى تۇغۇلغان بولسا كېرەك.
ئۆمەر دەسلەپتە مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئەشەددىي رەقىبلىرىدىن بىرى ئىدى. كېيىن بىردىنلا ئىسلام دىنىغا كىرىپ، پەيغەمبەرنىڭ ئەڭ ياراملىق قوللىغۇچىلىرىدىن بولۇپ قالغان.
632 - يىلى مۇھەممەد پەيغەمبەر ئالەمدىن ئۆتكەندە ۋارىس بەلگىلەنمىگەن. ئۆمەر دەرھال ئەبۇبەكرىنى ۋارىسلىققا كۆرسەتتى. ئەبۇ بەكرى پەيغەمبەرنىڭ ساھابىسى ھەم ئۇنىڭ قيناتىسى ئىدى. شۇڭلاشقا بۇ خىل تاللاش مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا تالاش - تارتىش پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. ئەبۇ بەكرى مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا بىرىنچى خەلىپە بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ناھايىتى تېزلا ئېتراپ قىلىندى. ئەبۇ بەكرى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان داھىي ئىدى. بىراق، ئۇ پەقەت ئىككى يىل ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئالەمدىن ئۆتتى. ئەبۇ بەكرى ۋاپات بولۇش ئالدىدا ئۆمەرنى ۋارىسلىققا بەلگىلىدى. بۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى بىر قېتىملىق ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئالدى ئېلىندى.
ئۆمەر 634 - يىلى خەلىپە بولدى. 644 - يىلى پارسلىق بىر قۇل تەرىپىدىن قەست قىلىپ ئۆلتۈرۈلدى. ئۆمەر ئۆلۈش ئالدىدا مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپە تاللىۋېلىشى ئۈچۈن ئالتە كىشىنى كۆرسىتىپ قويدى. كۆپچىلىك ئوسمان ئىبنى ئاففاننى ئۈچىنچى خەلىپىلىككە كۆرسەتتى. ئۇ 644 - يىلدىن 656 - يىلغىچە جەمئىي 12 يىل تەختتە ئولتۇردى.
ئۆمەر خەلىپە بولغان مەزگىللەردە ئەرەبلەر ئەڭ مۇھىم ئۇرۇشلارنى قىلغان. ئۆمەر ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئەرەبلەر سۈرىيە ۋە پەلەستىننى بويسۇندۇرغان. شۇ مەزگىللەردە سۈرىيە ئەسلى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر ئۆلكىسى بولۇپ، 636 - يىلدىكى يارمۇق جېڭىدە ئەرەبلەر يارمۇق دەرياسى بويىدا ۋىزانتىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، شۇ يىلى دەمەشىقنى ئىگىلىگەن. ئىككى يىلدىن كېيىن ئېرۇسالىم ئىشغال قىلىندى. 641 - يىلى ئەرەبلەر پۈتكۈل سۈرىيە ۋە پەلستىننى ئىگىلەپ بولۇپ، ھازىرقى تۈركىيىگە قاراپ داۋاملىق يۈرۈش قىلغان. 639 - يىلى ئەرەب قوشۇنلىرى ئەسلى ۋىزانتىيىگە قاراشلىق دۆلەت مىسىرغا بېسىپ كىرگەن. ئۈچ يىل ئىچىدە ئەرەبلەر پۈتۈن مىسىرنى بېسىۋالغان.
ئەرەبلەر ئىراققا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغان. ئۆمەر خەلىپىلىككە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى ئىراق، ساسسانىيلارنىڭ پارس ئىمپېرىيىسىگە تەۋە ئىدى. ئۆمەر ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردە ئەرەبلەر ھەل قىلغۇچ كادىسسىيە جېڭىنى قوزغىغان. 641 - يىلغا بارمايلا ئىراق پۈتۈنلەي ئەرەبلەرنىڭ قولىغا ئۆتكەن. ئەرەبلەر ئىراقتا ئەسكەر تۇرغۇزمايلا پارس ئىمپېرىيىسىگە داۋاملىق يۈرۈش قىلىپ، 642 - يىلى ناھاۋاند ئۇرۇشىدا پارس قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى.
ئۆمەر ۋاپات بولغان مەزگىلدە ئىراننىڭ غەربىي قىسمى ئاللىقاچان ئەرەبلەر زېمىنىغا ئايلانغانىدى. ئەرەبلەرنىڭ ئۇرۇشلىرى ئۆمەرنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى بىلەن توختاپ قالمىدى. بەلكى ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن پۈتكۈل ئىران بويسۇندۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار غەربىي لىنىيىدە، شىمالىي ئافرىقىغا يۈرۈش قىلىشنى تاماملىدى.
ئۆمەر ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلارنىڭ قىممىتى قەتئىي بوشاشماسلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئىران پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىن يەنە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈردى. سۈرىيە، ئىراق ۋەمىسىرلار تا بۈگۈنكى كۈنگىچە يەنىلا ئەرەب دۆلەتلىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئۆمەر ئۆز قوشۇنلىرى ئىستېلا قىلغان زېمىندا سىياسىي ھۆكۈمرانلىق ئۇسۇللىرىنى بەرپا قىلدى. ئۇ: ئەرەبلەر ئۆزلىرى ئىستېلا قىلغان رايونلارنىڭ ھەربىي ئىشلىرىدىكى جەڭگىۋار قاتلام بولۇش سالاھىيىتى بىلەن مەلۇم ئىمتىيازىنى ساقلاپ قېلىشى، يەرلىك ئاھالىلەردىن يىراق بولغان شەھەرلەردە تۇرۇشى لازىم؛ ئۇلارنىڭ پۇقرالىرى ئەرەب ئىستېلاچىلىرىغا باج تاپشۇرۇشى، لېكىن پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى، ئۇلارنى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا مەجبۇرلىماسلىق، دېگەن قارارنى چىقاردى. يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلغان ئەھۋاللاردىن ئەرەبلەر ئېلىپ بارغان ئۇرۇش پائالىيەتلىرى ۋەتەنپەرۋەرلىك مىللىي ئۇرۇش ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بىراق مېنىڭچە، گەرچە ئۇرۇشتا دىننىي تۈس كەمچىل بولسمۇ، لېكىن زور دەرىجىدە بۇ ئۇرۇشنى جىھاد ئۇرۇشى دەپ خۇلاسىلەشكە بولىدۇ.
ئۆمەرنىڭ تۆھپىسى ھەقىقەتەنمۇ ئۇنتۇغۇسىز. ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كېيىنكى ئىسلام دىنىنى تارقاتقۇچى مۇھىم شەخس. ئەگەر ئاشۇنداق ئوڭۇشلۇق ئۇرۇشلار بولمىغان بولسا، ئىسلام دىنى ھەرگىزمۇ ھازىرقىدەك كەڭ تارقالمىغان بولاتتى. بۇنىڭدىن سىرت، ئەرەبلەر بويسۇندۇرغان كۆپ قىسىم زېمىنلار شۇ چاغلاردىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئەرەب ئەللىرى ھېسابلىنىدۇ. روشەنكى، بۇ جەھەتلەردىكى ئەڭ زور تۆھپە يەنىلا مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا مەنسۇپ. لېكىن ئۆمەرنىڭ رولىغا سەل قاراشمۇ خاتا. گەرچە ئۆمەر دەۋرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلارنىڭ يەنە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولسىمۇ، بىراق ئۆمەرنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇرشتەك مىسلىسىز كەڭ دائىرىدە بولالمايدۇ. مېنىڭ ئۆمەردەك غەربلىكلەرگىمۇ ناتونۇش بولغان بىر شەخسنى سالمان، قەيسەر قاتارلىق بەزى مەشھۇر غەربلىك شەخسلەرنىڭ ئالدىغا قويۇشۇم ئېھتىمال كىشىلەرنى ئەجەبلەندۈرۈشى مۇمكىن. بىراق بىز شۇنى ئادىللىق بىلەن ئېيتالايمىزكى، ئۆمەر ھاكىمىيەت سۈرگەن مەزگىللەردە، ئەرەبلەر ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلار مەيلى سان، ئۇسۇل ياكى كۆلەم جەھەتلەردىن بولسۇن قەيسەر، سالمانلار ئېلىپ بارغان ئاشۇ ئۇرۇشلارغا قارىغاندا كۆپ مۇھىم.