Uyghur主要词典
ئىككى ئىسىم قويۇش قائىدىسى
بىئولوگىيە
قوش ئىسىم قويۇش تۈزۈمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ جانلىقلارغا ئىلمىي ئىسىم قويۇش قائىدىسى. بۇنى شىۋېتسىيىلىك تەبىئەتشۇناس لىننې (Linne) كەشىپ قىلغان. ئىككى ئىسم قويۇش قائىدىسىدە بېكىتىلىشىچە، ھەر بىر تۈردىكى جانلىقنىڭ نامى ئىككى لاتىن يېزىقى ياكى لاتىنچىلاشتۇرۇلغان يېزىقتىن تۈزۈلۈشى كېرەك. بۇنىڭدا ئالدىنقىسى شۇ تۈرنىڭ ئۇرۇقداش نامى بولۇپ، ئادەتتە ئىسىم، كېيىنكىسى تۈر نامى بولۇپ، كۆپىنچە سۈپەتلەش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇ شۇ تۈرنىڭ ئاساسىق ئالاھىدىلىكى ياكى چىقىش ئورنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇرۇقداش ئىسىمنىڭ بىرىنچى قول ماتېرىيال ۋە ئەۋرىشكىلەرگە سېلىشتۇرۇشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ئىلمىي نامىنىڭ كەينىگە نام بەرگۈچى كىشىنىڭ ئىسمى قوشۇپ ياكى قىسقارتىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن، شالنىڭ ئىلمىي نامى oryza sativaL. دىكى Oryza ئۇرۇقداش نامى، Sativa تۈر نامى، L. بېكىتكۈچى كىشىنىڭ ئىسمى Linne نىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى. تۈرنىڭ ئىسمى ئېنىق بولمىغاندا ئۇرۇقداش نامىنىڭ كەينىگە <SP> قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن، MacacaSP تۈرىنىڭ نامى ئېنىق بولمىغان بىر خىل مايمۇن. قوش ئىسىم قويۇش قائىدىسى خەلقئارادا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىۋاتقان بىر قائىدە. ئۇ كونا ئەندىزە بويىچە، ئوخشاش بولمىغان تۈرلەرگە ئوخشاش ئىسىم قويۇش ياكى ئوخشاش تۈرگە ئوخشاش بولمىغان ئىسىملارنى قويۇشتەك قالايمىقانچىلىقنى تۈگەتتى، بۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىلمىي مۇھاكىمىگە پايدىلىق.