Uyghur主要词典
ئىسىم قويۇش
ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەتلىرى
ئۇيغۇرلاردا ئىسىم قويۇش ئادىتى بىر قانچە باسقۇچنى باشتىن كەچۈرگەن. بۇنى مۇنداق ئۈچ دەۋرگە بۆلۈپ چۈشەندۈرۈش مۇمكىن:
1 ( ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى كىشى ئىسمىلىرى.
2 ) ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى كىشى ئىسمىلىرى.
3 ( ئازادلىقتىن كېيىنكى كىشى ئىسىملىرى.
ئۇيغۇر خەلقى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلماستىن بۇرۇن، ئاساسەن ئۇيغۇرچە سۆز بىلەن ئىسىم قويۇشقا ئادەتلەنگەن. مەسىلەن، بايتەمىر، ئىلتەمىر، بەگ بۇقا، قارابۇقا، قارا باخشى، ........دېگەندەك ئىسىملارغا ئوخشاش. بۇنىڭدىن باشقا، ھەرقايسى رايونلاردا ياشىغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىگە شەھەر، يەر ناملىرىنى ئىسىم قىلىپ قويۇش بىر ئەنئەنە ئىدى. چىڭگىزخاننىڭ مۇھىم مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرى بولغان قارىياغاچ بۇيرۇقنىڭ «قارىياغاچ» دېگەن يەرنىڭ نامىنى ئۆزىگە ئىسىم قىلىپ قويۇشى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېكىن )بارچۇق ھازىرقى مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ قەدىمىكى نامى( سۆزنى ئۆزىگە ئىسىم قىلىپ قويۇشى بۇنى ئىسپاتلايدۇ.
ئۇيغۇر خەلقى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىملىرىغىچە تەسىر كۆرسەتتى، شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىملىرىدا ئەرەپچە ۋە پارسچە سۆز بىلەن قويۇلغان ئىسىملار كۆپىيىشكە باشلىدى. مەسىلەن، ئابدۇللا )ئاللانىڭ قۇلى( ، ھەبىبۇللا )ئاللانىڭ دوستى( ، سەيپۇللا )ئاللانىڭ قىلىچى( ، مۇتىئۇللا )ئاللانىڭ ئىتائەتچان قۇلى( ، رەھمىتۇللا )ئاللانىڭ رەھمىتى( دېگەن ئىسىملارغا ئوخشاش.
ئىسلام دىنىغا بولغان ئېتىقاد - ئىشەنچ كۈچەيگەن ۋە چوڭقۇرلاشقانسېرى، بۇرۇنقى ساپ ئۇيغۇرچە سۆز بىلەن قويۇلغان ئىسىملارنىڭ ئورنىنى ئەرەبچە سۆز بىلەن قويۇلغان ئىسىملار ئىگىلەشكە باشلىدى، ھەر بىر مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ ئاللاغا، مالائىكىلەرگە، پەيغەمبەرلەرگە، چاھار يارلارغا، ئانىلارغابولغان سېغىنىشىنى ئىزھار قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئۆزلىرىگە ئىسىم قىلىپ قويۇشقا باشلىدى. مەسىلەن:
1 ) ئاللانىڭ سۈپەتلىرىنى ئىسىم قىلىپ قويۇش بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، خالىق (مەخلۇقاتنى ياراتقۇچى) ، قادىر (ھەممىگە كۈچى يەتكۈچى) ، غوپۇر (ئەپۇ قىلغۇچى) دېگەندەك ئىسىملارغا ئوخشاش.
2 ( مالا ئىكىلەرنىڭ ئىسمىلىرىنى ئىسىم قىلىپ قويۇشمۇ ئادەتكە ئايلانغان. مەسىلەن، ئىسراپىل، مىكائىل.... دېگەنلەردەك.
3 ) پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىسمىنى ئىسىم قىلىپ قويۇش،مەسىلەن، داۋۇت، مۇسا، ئەيسا، مۇھەممەت، ئىسھاق، ئىبراھىم، ئىسمايىل، ياقۇپ، يۈسۈپ، .......دېگەندەك ئىسىملارغا ئوخشاش.
4 ( چاھار يارلارنىڭ ئىسمىنى ئىسىم قىلىپ قويۇش. مەسىلەن، ئابابەكىر، ئۆمەر، ئوسمان، ئەلى دېگەن ئىسىملارغا ئوخشاش.
5 ) مۇقەددەس ئانىلارنىڭ ئىسمىنى ئىسىم قىلىپ قويۇش، مەسىلەن، ھاۋا، مەريەم، سارە، ئايشە، خەدىچە، پاتىمە، ھەجەر.....دېگەنلەردەك.
بۇنىڭدىن باشقا ئىسلام دىنىغا ئائىت سۆزلەرنى ئىسىم قىلىپ قويغۇچىلارمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ، مەسىلەن، ئىسلام، ئىمام، رەسۇل، ئىمان، جەننەت...... دېگەنلەردەك. يەنە ئىسلام دۇنياسىدىكى «مۇقەددەس» يەرلەرنىڭ نامىنى ئۆزىگە ئىسىم قىلىپ قويغۇچىلارمۇ بولغان. مەسىلەن، مەدىنە، قۇددۇس دېگەنلەردەك.
لېكىن ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئۇيغۇرچە سۆز بىلەن ئىسىم قويۇش ئادىتى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالغان ئەمەس، مەسىلەن، كېپەك، سۈپۈرگە، كەكە، پالتا، چورۇق، يانتاق، توقا، سامساق، قوزا، تايلاق، بوسۇق، چاۋار، بۇلاق، مايسا، ئالما، ئاي، ئالتۇن، چولپان، يۇلتۇز، تۇرسۇن، توختى، ئارسلان ..... دېگەندەك ئىسىملارغا ئوخشاش.
ئازادلىقتىن كېيىن ئەرەبچە سۆزلەر ئىچىدىن مەنىسى ياخشى، دىنىي تۈس ئالمىغان ئادالەت، ئادىل، پازىل، ئالىم، ئارىپ، ئازاد، خېلىل، جېلىل، مەھمۇت، مەخسۇت، پەزىلەت،سائادەت، زۆھرە ..... دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇشتىن تاشقىرى، يەنە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆزىگە خاس سۆز ياساش ئۇسۇلى بىلەن دەۋرگە لايىق، دەۋرنىڭ خاراكتېرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئىسىملارنى قويۇش ئومۇملىشىشقا باشلىدى. مەسىلەن، ئەركىن، ئۆتكۈر، قۇتلۇق، تۇرغۇن، تۇيغۇن، ئۆركەش، يالقۇن، يولداش ...... دېگەندەك ئىسىملارغا ئوخشاش.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم قويۇش ئادىتىدە ئۇلار ئۆز تارىخىدا ئېتىقاد قىلغان دىنىي ئەقىدىلەرنىڭ تەسىرى ئەكىس ئەتكەن. مەسىلەن، بەزى پەرزەنت كۆرمىگەن، كۆرگەن بولسىمۇ بالىسى تۇرمىغانلار بىرلا پەرزەنت كۆرگەن بولسا، بالىنىڭ تۇرۇپ قېلىشى ئۈچۈن، ئاللاغا يالۋۇرۇپ، بالىغا «نىياز» (يالۋۇرۇش دېگەن مەنىدە) دەپ ئىسىم قويۇپ، بېشىغا چاچ قويۇپ قوياتتى.
بالىسى تۇرمىغانلار بىرەر پەرزەنت كۆرۈپ قالسا، بالىنى باشقا بىرى (ئاساسەن تۈغقانلىرى) گە بېرىۋېتەتتى. بىر مۇددەتتىن كېيىن ئۇ بالىنى «سېتىۋالاتتى» - دە، بالىسىغا «سېتىۋالدى» ياكى «تىلىۋالدى» دېگەندەك ئىسىمنى قوياتتى. «سېتىۋالغۇچى» نىڭ قول - ئىلكىدە بولسا ئالاھىدە خۇشاللىق مەرىكىسى ئۆتكۈزۈپ بېرەتتى. بالا يۈزى كۆرمەي كېيىن پەرزەنت كۆرگەنلەر بالىنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئۆز بالىلىرىغا تۇسۇن، پولات، تۆمۈر، توختى، تۇردى، تاشپولات، تاشتۆمۈر ...... دېگەندەك ئىسىملارنى قوياتتى. شۇنداقلا ئۇزاق مەزگىل پەرزەنت كۆرمىگەنلەر تاسادىپىي پەرزەنت كۆرۈپ قالغان بولسا، خۇشاللىقىدا ئاللا بەردى، خۇدا بەردى، ئىگەمبەردى..... دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇشقا. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆزۈشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئادەملەرنىڭ ئىسمىنى قويىدىغان ئادەتلەرمۇ بولغان.
ئۆز پەرزەنتىنىڭ چوڭ بولغاندا بىلىملىك، دۆلەتمەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان ئاتا - ئانا ئۆز بالىلرىغا ئالىم، پازىل، سۇلتان، دۆلەت، مەلىكە، غەنى ...... دېگەندەك ئىسىملارنى قويغان.
ياد ئېتىش، سېغىنىش يۈزىسىدىن ئۆز بالىلىرىغا ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئاتا - ئانا، يېقىن تۇغقانلارنىڭ ئىسمىنى ئىسىم قىلىپ قويغۇچىلارمۇ بولغان. بۇنىڭ تەتۈرسىچە، بالىلارنىڭ ئۆمرى قىسقا بولۇپ قالىدۇ، دېگەن قاراش بىلەن ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئىسمىنى ئۆز بالىلىرىغا قويماسلىقتەك ئەھۋاللارمۇ بار.
بالىلارغا قويۇلماقچى بولغان ئىسىمنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلار ئىچىدىكى ئىسىملار بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالماسلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىناتتى.
بالىلارغا قويۇلغان ئىسىملار ئىچىدە بالىلارنىڭ تۇغۇلغان مەزگىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىسىملار خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ. ھېيت، جۈمە، ئازنا، نورۇز، سەپەر،ھوشۇر، بارات، رەجەپ، روزى، ئاپرېل .....دېگەندەك.
ئاسمان جىسىملىرى ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىسىملار. مەسىلەن، چولپان، زۆھرە، يۇلتۇز، سەييارە، ئەختەر، يەشىن (چاقماق) - قەمەر ..... دېگەنلەرگە ئوخشاش.
بەزىبىر ئۆسۈملۈك، گىياھ ۋە مېۋىلەرنىڭ نامىنى ئىسىم قىلىپ قويۇش، مەسىلەن، ئانار، ئالما، جىنەستە، زەيتۇن، چىنار، سامساق، مايسا، يانتاق، رەيھان دېگەنلەرگە ئوخشاش.
بەزىبىر ھايۋان،قۇشلارنىڭ ئىسمىنى ئىسىم قىلىپ قويۇش، مەسىلەن، ئارسلان، يولۋاس، مايمۇن، تۇتى، قۇندۇز، ئەسەت (شىر) .....قاتارلىقلار.
بەزى مەدەن، يەر ئاستى قېزىلمىلىرىنىڭ نامىنى ئىسىم قىلىپ قويۇش، مەسىلەن، ئالتۇن، كۈمۈش، ئالماس، مارجان، زۇمرەت دېگەنلەرگە ئوخشاش.
ئۇيغۇرلار ئۆز بالىلىرىغا ئىسىم قويغاندا تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارغا ئالاھىدە دىققەت قىلاتتى:
1 ( قوشكېزەك ئىككى ئوغۇل تۇغۇلغان بولسا، ياد ئېتىش، سېغىنىش يۈزىسىدىن ئەلىنىڭ پاتىمەدىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرى ھەسەن - ھۈسەنلەرنىڭ ئىسمىنى قوياتتى. قوشكېزەك تۇغۇلغانلارنىڭ بىرى ئوغۇل، بىرى قىز بولسا ئوغۇلنىڭ ئىسمىنى ھەسەن، قىزنىڭ ئىسىمىنى پاتىمە دەپ قوياتتى. ئەگەر ھەر ئىككىلىسى قىز بولسا بىرىنىڭ ئىسمىنى پاتىمە، بىرىنىڭ ئىسىمىنى زۆھرە دەپ قوياتتى.
2 ) يۈسۈپ ئىسىملىك بىر ئادەم ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن بولسائۇنىڭ ئىسمىنى ياقۇپ دەپ قويمايتتى. ئىسمايىل ئىسىملىك بىر ئادەم ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن بولسا ئۇنىڭ ئىسمىنى ھەرگىز ئىبراھىم دەپ قويمايتتى. چۈنكى، يۈسۈپ ياقۇپ پەيغەمبەرنىڭ، ئىسمايىل بولسا ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ ئوغۇللىرى بولغانلىقتۇر.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىنى رايون خاراكتېرلىك دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بەزى ئىسىملارغا قاراپ شۇ ئادەمنىڭ قەيەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئېيتايلى ئەر ئىسىملىرى «مەت» سۆزى بىلەن باشلانغان بولسا (مەتتۇرسۇن، مەتقۇربان، مەتروزى .....) ئۇ ئادەمنىڭ خوتەن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يۇتقا تەۋە ئادەملەر ئىكەنلىكىنى؛ ئەر ئىسىملىرى «ئىمام» سۆزى بىلەن باشلانغان بولسا (ئىمام ھەسەن) بۇلارنىڭ ئاتۇش تەرەپنىڭ ئادەملىرى ئىكەنلىكىنى؛ ئەر ئىسىملىرى «ئوبۇل» سۆزى بىلەن باشلانغان بولسا (ئوبۇلقاسىم، ئوبۇلسىدىق) بۇلارنىڭ قەشقەر تەرەپنىڭ ئادەملىرى ئىكەنلىكىنى؛ ئەر ئىسىملىرى «تۇ» ياكى «ئاق» سۆزى بىلەن باشلانغان بولسا (تۇنىياز، ئاقنىياز) بۇلارنىڭ ئاقسۇ تەرەپنىڭ ئادەملىرى ئىكەنلىكىنى؛ ئەر ئىسىملىرى ئاخىرىغا «قارى» قوشۇلغان بولسا (غاپپارقارى، ساتتار قارى) بۇلارنىڭ كۇچا تەرەپنىڭ ئادەملىرى ئىكەنلىكىنى؛ ئەر ئىسىملىرىنىڭ ئاخىرىغا «جان» سۆزى قوشۇلغان بولسا (موساجان، ئابلاجان) بۇلارنىڭ غۇلجا تەرەپنىڭ ئادەملىرى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئاياللار ئىسىمىنىڭ ئاخىرىغا «گۈل»، «نىسا» سۆزلىرى قوشۇلغان بولسا (نۇرگۈل، رەيھانگۈل، تۇرنىسا، ئاينىسا) بۇلارنىڭ قەشقەر تەرەپنىڭ ئاياللىرى ئىكەنلىكىنى؛ ئاياللارنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخىرىدىكى «بۈۋى»، «قىز» لارغا قاراپ (جەننەتبۈۋى،ئايمقىز) بۇلارنىڭ غۇلجىلىق ياكى شۇ تەرەپنىڭ ئاياللىرى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. شۇنداقلا ئىسكەندەر،ئىسھاق، سوپى، دۇگامەت، ئولمايىت، قايىت... دېگەندەك ئەرلەرنىڭ ئىسمىغا ۋە ئايسىماخان، ئالماراخان، مايسىخان، ئەزنىخان... دېگەندەك ئاياللار ئىسمىغا قاراپ، بۇلارنىڭ تۇرپان رايونىنىڭ ئادەملىرى ئىكەنلىكىنى بىلىشكە بولىدۇ. (ر)
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇسۇلمان بالىسى تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئاخۇنۇمنى ئۆيگە چىللاپ كېلىپ بوۋاققا ئىسىم قويدۇرىدۇ. ئاخۇنۇم ئاۋۋال بوۋاققا قاراپ تۇرۇپ پەس ئاۋازدا ئەزان ئېيتىدۇ. ئاندىن بوۋاقنىڭ قۇلىقىغا (ئوغۇل بالىنىڭ سول قۇلىقىغا، قىز بالىنىڭ ئوڭ قۇلىقىغا) پۈۋلەپ ئىسىم قويىدۇ.