Uyghur主要词典
ئىملا قائىدىسى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يېزىق تىلىنىڭ يېزىش قائىدە - يوسۇنلىرى كۆرسىتىلگەن، يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزلىگەن بەلگىلىمىلەر.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى تۈزۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەستىقلاپ ئېلان قىلىندى. مەتبۇئات ساھەسىدە ئىشلىگۈچى مۇھەررىر، تەرجىمان، كوررېكتور ۋە ماشىنىستلار ئىملا قائىدىسىنى پىششىق بىلىشى شەرت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تىلشۇناسلىق
يېزىق تىلىنىڭ يېزىلىش قائىدىسى ۋە يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش قائىدىسى. ئۇ يېزىقنىڭ توغرا يېزىلىشى، ئۆلچەمگە مۇۋاپىق بولۇشى، تىنىش بەلگىلىرىنىڭ قوللىنىشى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ھەمدە ئېلىپبەلىك يېزىقلاردىكى ھەرپلەرنىڭ چوڭ - كىچىك يېزىلىش ئۆلچىمى، بوغۇم ئايرىش بەلگىلىرىنىڭ توغرا قوللىنىش، بوغۇم كۆچۈرۈش قائىدىلىرى، ئۇلاپ يېزىش قائىدىلىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.