Uyghur主要词典
رونا دەرياسى
بىئولوگىيە
فرانسىيىدىكى ئىككىنچى چوڭ دەريا. باش قىسمى شۋېتسارىيىنىڭ جەنۇبىدىكى ئالىپ تاغلىرىنىڭ سىنگوتارد چوققىسىدىن باشلىنىپ، فرانسىيە — شىۋېتسارىيە چېگرىسىدىكى جەنۋە كۆلىگە قۇيۇلۇپ، ئاندىن فرانسىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئوتتۇرا ئېقىنىدا سۇنا دەرياسى بىلەن قوشۇلۇپ جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ ئوتتۇرا دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 812 كىلومېتىر كېلىدۇ، كۆلىمى 99 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. سۈيى مول، ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 1700 كۇب مېتىر سېكۇنتقا يېتىدۇ سۇ ئېنېرگىيە بايلىقى مول. يۇقىرى ئېقىندا نۇرغۇن سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى قۇرۇلغان. رونا دەريا دېلتىسىنىڭ كۆلۈمى 750 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. دەريا يىلىغا 20 مىليون توننا ھەرخىل كېرەكسىز ماددىلارنى يەر ئوتتۇرا دېڭىزغا ئېلىپ كېلىپ تاشلايدۇ. دەريانىڭ ئىككى ياقىسىدا سانائەت رايونلىرى ناھايىتى كۆپ. يېزا ئىگىلىكىدە ئۈزۈم كۆپلەپ ئۆستۈرۈلىدۇ. فرانسىيىنىڭ نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبا لىنىيىلىرى دەريا بويىنى بېسىپ ئۆتىدۇ. رونا دەرياسىنىڭ قاتناش ئەھمىيىتىمۇ زور. دەريا يۇقىرى ئېقىندا تارماق دەرياللار ئارقىلىق لوئارا، سىنا ھەم رېين دەريالىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان. شۇڭا رونا دەرياسىدىن يولغا چىققان دەريا پاراخوتلىرى ئاتلانتىك ئوكياننىڭ بېسكەي قولتۇقىغا، ئەنگلىيە بوغۇزى بىلەن گېرمانىيە ھەم گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بارالايدۇ. دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىن قېزىلغان قاناللار مارسېل شەھىرىگە، گاروننا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا تۇتاشتۇرۇلغان.