Uyghur主要词典
دوناي دەرياسى
بىئولوگىيە
ياۋروپا بويىچە ئىككىنچى چوڭ دەريا، بۇ دەريا گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەنۇبىدىكى شىۋارتىسۋالد تېغىنىڭ شەرقىي يان باغرىدىن باشلىنىپ شەرققە قاراپ ئېقىپ ئاۋسترىيە، چېخوسلوۋاكىيە، ۋېنگرىيە، يۇگوسلاۋىيە، رۇمىنىيە، بۇلغارىيە، سوۋېت ئىتتىپاقىنى بېسىپ ئۆتۈپ، رۇمىنىيىنىڭ سۇلىنا ئەتراپىدا قارا دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 2850 كىلومېتر كېلىدۇ. كۆلىمى 817 مىڭ كۋادرات كىلومېترغا يېتىدۇ. دوناي دەرياسىنىڭ 300 دىن ئارتۇق تارمىقى بار، بۇنىڭ ئىچىدە سول تەرەپتىن قۇيۇلىدىغان پاگ، تىسا، ئولت، پروت دەيالىرى بىلەن ئوڭ تەرەپتىن قۇيۇلىدىغان ئىن، دىراۋا، ساۋا، موراۋا، ئىسكې دەريالىرى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. دەريانىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىن رايونىغا كەڭ دائىرىلىك تۈزلەڭلىكلەر جايلاشقان. دەريانىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئاغزىدىكى ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 6430 كۇب مېتر سېكونتقا، سۇ ئېنېرگىيە زاپىسى 35 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىدۇ. دوناي دەرياسى مۇھىم خەلقئارا قاتناش يولى، قارا دېڭىزدىن دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىمىغا قاراپ يولغا چىققان پاراخوت سوۋېت ئىتتىپاقى، رۇمىنىيە، بۇلغارىيە، ۋېنگرىيە، يۇگوسلاۋىيە، چېخوسلوۋاكىيە، ئاۋسترىيىلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ، گېرمانىيىگە ھەتتا دوناي دەرياسى بىلەن رېيىن دەرياسىنى تۇتاشتۇرىدىغان دوناي - مەيىن قانىلى ئارقىلىق داۋاملىق غەربكە قاراپ يۈرۈپ گوللاندىيىنى كېسىپ ئۆتۈپ شىمالىي دېڭىزغا ئۆتەلەيدۇ.