Uyghur主要词典
لېنا دەرياسى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرا سىبىرىيە قىسمىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە جايلاشقان چوڭ دەريالارنىڭ بىرى. باش مەنبەسى بايقال تېغىنىڭ غەربىي يانباغرىدىن باشلىنىپ شىمالغا قاراپ ئەگرى - بۈگرى ئېقىپ، ئورمان بەلبېغى، توندىرا بەلباغلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، شىمالىي مۇز ئوكياننىڭ لاپىتۋىخ دېڭىزىغا قۇيۇلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 4400 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. كۆلىمى 2 مىليون 490 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يۇقىرى ئېقىنىنىڭ ۋادىسى چوڭقۇر، سۈيى تېز، خەتەرلىك ئورۇنلار كۆپ، ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى كۆپ جايلىرىنىڭ دەريا ۋادىسى كەڭ، سۈيى ئاستا، تۆۋەن ئېقىنىنىڭ دەريا ۋادىسى ئەڭ كەڭ، سۈيى ئاستا، تۆۋەن ئېقىنىنىڭ دەريا ۋادىسى ئەڭ كەڭ، سۈيى بەك ئاستا، دەريا ئاغزىدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 17 مىڭ كۇب مېتىر سېكۇنت، يىللىق ئومۇمىي ئېقىن مىقدارى 488 كۇب كىلومېتىر كېلىدۇ، كۆپ قىسىم دەريا قېنىدا قاتناش قىلىشقا بولىدۇ. مۇز توڭلاش ۋاقتى 7، 8 ئايغا يېتىدۇ. ئوكيان پاراخوتلىرى ئىگاركاغا قەدەر كىلەلەيدۇ، دەريا پاراخوتلىرى ياكۇتسكى، ئۆستېروۋو، ئۇستى - كۇتلارغا قەدەر كېلىدۇ. لېنا دەرياسىنىڭ غول ھەم تارماق ئېقىنلىرىدا نۇرغۇنلىغان سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى بار.