Uyghur主要词典
تاقاق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم(«تاقا» غا ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە «ق» قوشۇلغان).
جىنايەتچى دەپ قارالغان كىشىنىڭبوينىغا سېلىپ قويىدىغان جازا سايمىنى.
ساقچى بوينىغا تاقاق سېلىنغان بىر كىشىنى ئەپكەتتى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ياسىلىشى يۇقىرىقىغا ئوخشاش. 1 . ئىشىك - دەرۋازىلارغا ئىچىدىن سېلىپ ئېتىپ قويىدىغان توغرا بالداق.
ئىشىككە تاقاق سېلىپ قويماق.
2 . توما، چۈشۈرگە ۋە باشلام ئېغىزلىرىدا سۇنىڭ ئېقىشىنى تەڭشەش ئۈچۈن ئورنىتىلغان قاپقا. تومىنىڭ قاپقىنى كۆتۈرۈپ قويماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت(«تاقا» غا سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچە «ق» قوشۇلغان).
تاقاق سېلىنغان، ئېتىك، تاقاقلىق.
دەرۋازاڭ تاقاق ئىكەن، كىرەلمەي قايتىپ كەتتىم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىشىك، دارۋازىلارنى ئىچىدىن ئېتىپ قويۇشقا ئىشلىتىلىدىغان سايمان.
ساڭا قاراپ مەن، ئىشىككە قاراپ دەم. تىركەك كېرەك، تىرتەك لازىم ئەمەس. تاقاقنى تاقا، خاتىرجەم ئۇخلا. غول ساڭا ئوڭ قول. ئىشىكنى ئاچار، ئارقىغا قاچار، ئۇ نېمە؟ (غورۇ، كىلتاڭ)
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. توما، چۈشۈرگە ۋە باشلام ئېغىزلىرىدا سۇنىڭ ئاز - كۆپ ئېقىشىنى تەڭشەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ياغاچ، سېمونت قاتارلىقلاردىن مەخسۇس ياسالغان قۇرۇلما؛ قاپقا.
تاقاقنى كۆتۈرۈپ قويماق.
ئى. دەرۋازا، ئىشىك قاتارلىقلارنى تاقاش ئۈچۈن ئورنىتىلغان توغرا بالداق.
سۈپ. تاقالغان، تاقاقلىق.
دەرۋازا ئىچىدىن تاقاق تۇرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كونا جەمئىيەتتە گۇناھكارلارنىڭ بوينىغا سالىدىغان ئېغىر تاختا ياغاچ.