Uyghur主要词典
تاق
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
يالغۇز، يەككە. ئانتونىمى: جۈپ.
تاق سان، تاق تورنىك، تاق رېلىس، تاق كۈن. * تاق - جۈپ ئوينىماق. * قاچانغىچە تاق ئۆتەرمەن. * بەخت تاقنى جۈپ قىلىدۇ، قازا جۈپنى تاق قىلىدۇ (ماقال). * دەرد كەلسە تاق، دۆلەت كەلسە جۈپ (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
تاقماق. 1 . تاقماق، ئاسماق.
گالىستۈك تاقماق. * ئىزناك تاقماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
رەۋىش.
دەل.
ئەمەت ئۇلار سۆزلىشىپ ئولتۇرۇپتىكەن، تاق ئۈستىدىن چۈشۈپتۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
تەقلىد سۆز.
قاتتىق جىسىملارنىڭ بىر - بىرىگە قاتتىق ئۇرۇلۇشىدىن چىققان ئاۋاز.
ئىشىك تاق قىلىپ يېپىلدى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
گۈمبەز، پەشتاق؛ ئىشىك، گۈمبەز، مىھراپ ۋە تەكچىلەرنىڭ ئۈستىدىكى يېرىم دائىرىلىك ئەگمەچ جاي: كۆڭ تاقى - كۆك گۈمبىزى، ئاسمان؛ تاقى ئەفلاك - ئاسمان ئىگىزلىكى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىككىگە بۆلۈنمەيدىغان، جۈب ئەمەس، بىر.
تاق سان. «تاق - جۈپ» ئوينىماق. تاققا تاق قوشۇلسا جۈپ بولار. تاق مۇھەببەت سۆيگۈ بولماس. سىڭار تاپان چانا سىيرىلماس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
ئىككىگە پۈتۈن بۆلۈنمەيدىغان، جۈپى بولمىغان.
تاق سان.
دەرد كەلسە جۈپ، دۆلەت كەلسە تاق (ماقال).
جۈپى، شېرىكى بولمىغان؛ جۈپسىز، يالغۇز.
ئۇ ئۆمۈر بويى ئۆيلەنمەي تاق ئۆتكەن ئادەم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
قاتتىق جىسىملارنىڭ بىر - بىرىگە ئۇرۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز.
ئىشىك <تاق> قىلىپ يېپىلىشى بىلەن تەڭ پەرىزات غايىب بولدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
دەل: !ئۇ چوڭ مەھەللىنىڭ تاق ئۈستىدىن چۈشتى.!
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
<بولماق، قىلماق> پېئىللىرى بىلەن كېلىپ تاقەتسىزلىكنى بىلدۈرىدۇ.
تاقىتى تاق بولماق. تاقىتىنى تاق قىلماق.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
تاق، يېگانە، تەڭداشسىز.