Uyghur主要词典
تاقاشماق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
تەڭلەشمەك، بەسلەشمەك:
قاچان كۈن چىقسا ئاي، ئەختەر ئۆزىنى ئاشكار ئەتمەس،
ئانىڭدەك دىلبەرىم بىرلە قايۇ خۇبلار تاقاشىبدۇر.
گۇمنام.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
<تاقىماق> پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.
كېلىپ ھەربىي تاغىلار، ئۇنى قىزغىن ماختاشتى. قەھرىمانلىق گۈلىنى، مەيدىسىگە تاقاشتى.
بىر نەرسە ئىككىنچى بىر نەرسىگە تىركىلىپ قالماق، توسۇلماق.
بايراق مومىنىڭ ئۇچىغا چىقتى - دە، بايراقىڭ كالتىكى تاققىدە غالتەككە تاقاشتى.
كۆچمە. بىرەر ئىش، مەسىلە ئىككىنچى بىر ئىش ياكى مەسىلىگە چېتىلىپ قالماق، دۇچ كەلمەك.
ئاپلا، يەنە بىر ئىشقا تاقاشتىغۇ، تېخى ھەيدەلمىگەن ئېڭىز يېرىنى قانداق قىلارمىز؟