Uyghur主要词典
دېڭىز چوشقىسى
بىئولوگىيە
سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپىنىڭ غاجىلىغۇچىلار ئەترىتى، دېڭىز چوشقىسى ئائىلىسىگە كىرىدۇ. بەدەن ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 25 سانتىمېتىر، تېنى دوغىلاق، بېشى چوڭ، قۇلىقى كالتە، قۇيرۇقسىز، تۆت پۇتى قىسقا، ئالدى پۇتى تۆت بارماقلىق، كەينى پۇتى ئۈچ بارماقلىق، رەڭگى ئاق، قارا، سېرىق، قوڭۇر قاتارلىق ھەرخىل بولىدۇ. شەكلى ئوخشاش بولمىغان ھەرخىل چىپار يوللىرى بولىدۇ. ئۈستۈنكى كالپۇكىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پۇچۇقى (يېرىقى) بار، بۇرۇتى بولىدۇ. كۈرەك چىشى قىسقا، لاي توپا ياكى قورام تاشلر ئارىسىغا كامار قېزىپ ئۇۋا سالىدۇ. ئۇ ئۆسۈملۈكخور ھايۋان بولۇپ، ئادەتتە ئون نەچچىسى بىر كىچىك توپ بولۇپ ھايات كەچۈرىدۇ. ئەسلى ماكانى جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى برازىلىيە، ئۇرۇگۋاي قاتارلىق جايلاردىكى دالىلار بولۇپ، ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بېقىلىپ، مېدىتسىان ۋە فىزىئولوگىيە قاتارلىق پەنلەرنىڭ تەجرىبىلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلمەكتە.